تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يازدا تېرە ئاسراشتا «ئىلمىي» بولۇش كېرەك

  يېقىندا، جۇڭگو ۋىراچلار جەمئىيىتى تېرە كېسەللىكلىرى ۋىراچلار شۆبە جەمئىيىتى «25 · 5 مەملىكەتلىك تېرە ئاسراش كۈنى» ھەم تېرە ساغلاملىقى ئاممىۋى ئومۇملاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، تېرە ئاسراشتا «ئىلمىي» بولۇشنى ئەسكەرتتى.

  تېرە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسىلىرى ھەر يىلى يازدا، تېرىنى تازىلاش ۋە ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا ئائىت تېرە ئاسراشتىكى خاتا قاراشلارنىڭ نۇرغۇن كىشىنى «قىلتاققا چۈشۈرىدىغانلىقى»نى ئالاھىدە كۆرسەتتى. ئەمەلىيەتتە، تېرىگە ئائىت بەزى ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى چۈشەنگەندىلا، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  سىچۇەن داشۆسى خۇاشى دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لى لى مۇنداق دېدى: تېرە — ئۈستۈنكى تېرە قەۋىتى، تېرە، تېرە ئاستى توقۇلمىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئۈستۈنكى تېرە قەۋىتى قۇرۇلمىسىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتى مۈڭگۈز قەۋىتى بولۇپ، سۇ ساقلاش ۋە ھەر خىل باكتېرىيەلەرنىڭ تېرە يۈزىگە كىرىشىگە قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە. تېرە توسۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسىلا تېرە قۇرغاقلىشىدۇ، قىزىرىدۇ، قىچىشىدۇ، ئاسانلا زىيادە سەزگۈر بولۇپ قالىدۇ ھەم تېرىنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.

  نۇرغۇن مۇتەخەسسىسنىڭ كۆرسىتىشىچە، مۈڭگۈز قەۋىتىنىڭ دەل مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، ياز پەسلىدە تېرىنى زىيادە تازىلاش ياكى سۇ تولۇقلاش سۈيى، پۈركىمە ئارقىلىق سۇ تولۇقلاشنىڭ ھەممىسى ئىلمىي ئەمەس. تېرىنى زىيادە تازىلىۋەتسە، مۈڭگۈز قەۋىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، تېرە نېپىزلاش، قىزىرىپ قېلىش، قان تومۇر كېڭىيىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىپ، «يېپىش - تازىلاش»تەك يامان ئايلىنىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. سۇ تولۇقلاش سۈيى، پۈركىمە قاتارلىقلار مۈڭگۈز قەۋەتتىكى سۇنى بىۋاسىتە تولۇقلىيالىسىمۇ، ئەمما ئىنتايىن تېزلا پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، زىيادە ئىشلەتكەندە يەنە تەبىئىي تېرە ياغ پەردىسىنى ئېقىتىۋېتىپ، تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرىۋېتىدۇ.

  «تېرە كېسەللىكلىرى ئاغرىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەر، شۇڭا، ئەرلەرمۇ ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك» كۇنمىڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ پىروفېسسورى خې لى مەيلى ئەر-ئايال بولسۇن، بىر يىلنىڭ تۆت پەسىلدە ئاپتاپتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  مۇتەخەسسىسلەر ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: تېرە ئاسراشتا تۆۋەندىكى ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك: يۈز چاپلىقىنى نامۇۋاپىق تاللاش شۇنداقلا ئىشلىتىش، تېرىنى چوڭقۇر تازىلاش، ئىسسىق سۇدا يۈز يۇيۇش، مۈڭگۈز ماددىسىنى پات – پات تازىلاش، ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا سەل قاراش، تېرە ئاسراش شۇنداقلا گىرىم بۇيۇملىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش. ئەگەر تېرىدە مەسىلە كۆرۈلسە، ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى