تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

راك پەيدا قىلىدىغان 6 خىل ناچار تۇرمۇش ئادىتىدىن يىراق تۇرۇڭ

  «ئادەم بەدىنىدىكى چاچ ۋە تىرناقتىن باشقا، ھەرقانداق ئورۇنغا ئۆسمە ئۆسەلەيدۇ، راك كېسىلى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ھەرگىز قورقۇپ كەتمەڭ، چۈنكى راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم ئۇنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ» دېدى جياڭسۇ ئۆلكىلىك جۇڭيى دۇختۇرخانىسىنىڭ مۇدىر جۇڭيى ۋىراچى لۇ ۋېي، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى %45 ئۆسمىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ناشتىلىق، ھەرىكەت دەرىجىسى قاتارلىق تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىنى تەڭشەشنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. تۆۋەندىكى 6 خىل ناچار تۇرمۇش ئادىتى راك كېسىلىنى كۆپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  تاماكا چېكىش

  تاماكا چېكىش راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ناچار تۇرمۇش ئادىتى. تاماكا چېكىش كۆپ خىل راك كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ، بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، تاماكا چەكمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 10~20 ھەسسە، كېكىردەك راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 6~10 ھەسسە، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 4~10 ھەسسە، ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 2~3 ھەسسە، دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 3 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن، قان راكى خەۋپلىكلىكى 1.78 ھەسسە ئاشىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تاماكا چېكىش يەنە جىگەر راكىنىمۇ پەيدا قىلىدىكەن.

  سېمىزلىك

  خەلقئارا راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئاپپاراتى (IARC)نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سېمىزلىك بىلەن سۈت بېزى راكى (ھەيىز توختىغاندىن كېيىن)، بوغماق ئۈچەي-تۈز ئۈچەي راكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى، قىزىلئۆڭگەچ بېزى راكى قاتارلىق 13 خىل راكنىڭ پەيدا بولۇشى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  ھاراق ئىچىش

  تولۇق دەلىل-ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسپىرت قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان، جىگەر، بوغماق ئۈچەي-تۈز ئۈچەي، سۈت بېزىدە راك پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدىكەن، يەنە قىسمەن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسپىرت ئۆپكە راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى ۋە تېرە راكىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ھاراق ئىچكەندە يۈزىنىڭ قىزىرىپ كېتىشى ھاراق كۆتۈرەلەيدىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدىكەن، بەلكى ئادەم بەدىنىدىكى ئاتسېتالدېگىد دېھىدروگېنازا گېنىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، ئاتسېتالدېگىدنىڭ توسالغۇغا ئايلانغانلىقىنىڭ خەتەرلىك ئىپادىسى ئىكەن، بۇنداق كىشىلەر ھاراقنى تېخىمۇ چەكلىشى كېرەك ئىكەن.

  كېچىچە ئۇخلىماسلىق

  تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، دائىم كېچىچە ئۇخلىماسلىق، تۇرمۇشى رېتىمسىز بولۇش راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، دائىم كېچىچە ئۇخلىماسلىق راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە راك كېسىلىنى كونترول قىلىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇپ، دورىغا چىدامچانلىقنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

  كۆكتات، مېۋە-چېۋىنى ئاز يېيىش

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆكتات، مېۋە-چېۋىنى كۆپ يېيىش ئېغىز بوشلىقى، بۇرۇن ۋە يۇتقۇنچاق، قىزىلئۆڭگەچ، ئۆپكە، ئاشقازان ۋە بوغماق ئۈچەي-تۈز ئۈچەيدە ئۆسمە بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

  گۆشنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىش

  گۆش سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى كۆرسىتىدۇ، كۆپ ئۇچرايدىغىنى كالا، قوي گۆشى بولۇپ، ھەپتىلىك قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ 350~500 گىرامغىچە بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى