تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

بېيجىڭ شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى

چېن چۈەنگو، چېن جىنىڭ، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى چېن جىنىڭ بېيجىڭ شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  5- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايون بېيجىڭ شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن بېيجىڭ شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بېيجىڭ شەھىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پايتەخت شەھەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى زىچ چۆرىدەپ، «تۆت مەركەز»لىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، «تۆت مۇلازىمەت» سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئۈچ چوڭ ئىش»نى ياخشى تۇتۇپ، پايتەختنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. بىز چىن كۆڭلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئەڭ ياخشى ئۆلچەم بىلەن كەسىپلەر، خەلق تۇرمۇشى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىيىتى بەرپا قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 14- شىسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەلبىدىن مىننەتدار بولدى. شىنجاڭ «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى جاينىڭ ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ.

  چېن جىنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلىرىغا بولغان غەمخورلۇقى، چوڭقۇر مۇھەببىتىگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدا ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلانغان، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلىگەن ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى.

  چېن جىنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەركەزنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى. بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشتىن - ئاخىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى سۈپىتىدە ئىشلەپ، يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ دەل تەدبىر، تېخىمۇ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل بىلەن، ياردەمگە ئېرىشكۈچى رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا قەتئىي ياردەم قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى رايونلارنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلاردا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىلگىرىكىدەكلا بېيجىڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ، ئېنېرگىيە بايلىقى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، بىخەتەرلىك كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، بېيجىڭ شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى ھەم بىڭتۇەن 14- شىسىنىڭ قۇرۇمقاش شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى تەكشۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىدىن ھال سورىدى، نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ يەنكۇن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جى جېڭ، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۇي ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.