تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەنجۈ جەنۇبىي يولى، نۇرباغ غەربىي يولىدا ستولبا سىمىنى كۆمۈش قۇرۇلۇشى تاماملاندى

  مۇخبىرىمىز شۈ چىيەن خەۋىرى: 2019-يىلى، ئۈرۈمچى داۋاملىق ئاساسىي ۋە قوشۇمچە غول يولنىڭ ئېلېكتر كۈچى ستولبا سىمىنى يۆتكەپ كۆمۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. قۇرۇلۇش ئارقىلىق، ھازىر ئەنجۈ جەنۇبىي يولى، نۇرباغ غەربىي يولى، چىڭچېڭ كوچىسىدا قاتناش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى.

  5-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىر نۇرباغ غەربىي يولىدا، يولنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئىككى ئاپتوموبىل يولىدىكى قۇرۇلۇش توسۇقىنىڭ ئېلىۋېتىلىپ، قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولىدا يول يۈرۈشىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى. ئىگىلىنىشچە، نۇرباغ غەربىي يولىدىن باشقا، تۇنجى تۈركۈمدە قۇرۇلۇش باشلانغان ئەنجۈ جەنۇبىي يولىدىمۇ يېقىندا قۇرۇلۇش تاماملانغان بولۇپ، ئالاقىدار ئورۇنلار ھازىر خەۋەرلىشىش كابېللىرىنى تەكشۈرۈش، يۆتكەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋېتىپتۇ؛ چىڭچېڭ كوچىسىدىكى بەزى يول ئېغىزلىرىدا گەرچە قۇرۇلۇش تاماملانمىغان بولسىمۇ، ئەمما يول يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاساسىي يولدا قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپتۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى