تىيانشان تورى خەۋىرى (بايىنغولىن گېزىتى مۇخبىرى چ. خۇرە، ئىختىيارىي مۇخبىرى ياۋ چيەن): 2019-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى تەنتەربىيە باغچىسىنىڭ دۇڭگۈي بەيگە مەيدانىدا، ئات بەيگىسى جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. شۇ كۈنى، 2019 «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگو ئات بەيگىسى (كورلا بېكىتى مۇسابىقىسى) كورلا شەھىرى تەنتەربىيە باغچىسىنىڭ دۇڭگۈي بەيگە مەيدانىدا باشلاندى. شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 30 نەچچە ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى 100 نەچچە تۇلپار كەسكىن بەيگىگە چۈشۈپ، ئومۇمىي سوممىسى 650 مىڭ يۈەن بولغان مۇكاپاتنى تالىشىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئات بەيگىسى ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بەيگىگە چۈشكەن ئاتلار ساپ نەسىللىك ئات، شالغۇت ئات ۋە يەرلىك ئاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مۇسابىقە دۆلەتنىڭ ئات بەيگە قائىدىسى ئادىل ئىجرا قىلىنىپ ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
[يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى يۈرۈشلۈك سۈرەتلەر] 2019 «بىر بەلباغ، بىر يول» جۇڭگو ئات بەيگىسى (كورلا بېكىتى مۇسابىقسى) باشلاندى
مۇھەررىر :
پەرغانە غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/05/26 08:32
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.