تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى: باشلامچى كارخانىلارغا تايىنىپ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 5-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى: تاڭ ئەمدىلا يورۇشى بىلەنلا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئايگۈل جۇمانالى قاشانى ئېچىپ، بىر ھارۋا  يەم-خەشەكنى ئىتتىرگىنىچە كىرىپ كالىلارغا «ناشتىلىق» بەردى.

  ئايگۈل جۇمانالىنىڭ شۇ جايدىكى باقمىچىلىق باشلامچى كارخانىسى كۆكدالا شەھەرلىك چۇاڭجىن چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە كالا بېقىۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولۇپ قالدى. بۇ بىر نەچچە يىلدا، گۆش كالىسى باقمىچىلىقى ۋە ئالاقىدار كەسىپلەرگە تايىنىپ، شۇ جايدىكى نۇرغۇن كىشى ھەقىقىي پۇل تاپتى.

  بۇ ناھىيە ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ناھىيەسى بولۇپ، كالا بېقىش تارىخى ئۇزۇن. 2013-يىلى، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت گېرمانىيەنىڭ سىممېنتال كالىسىنى كىرگۈزۈپ، «يەرلىك كالا» نەسلىنى ياخشىلىدى. شىنجاڭ كالىسىنىڭ تۈر توپى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، دۆلەت كارخانىسى چۇاڭجىن چارۋىچىلىقىنى بۇ يەرگە ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، شۇ جاينىڭ «كالا» كەسپىنى زورايتىپ، ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئىلگىرى، ئايگۈل جۇمانالى يىل بويى ئېرى بىلەن سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، يىل بويى ھېچقانچە پۇل تاپالمايتتى. باقمىچىلىق مەيدانىدا باقمىچى بولغاندىن كېيىن، ھەر ئايدا 3200 يۈەن مائاش ئالىدىغان بولدى، ئۇ: «يىراق يەرلەرگە بارمىساقمۇ پۇل تاپقىلى بولىدىغان بولدى، بۇنى بۇرۇن ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم»دېدى.

  ئايگۈل جۇمانالى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئېرىممۇ باقمىچىلىق مەيدانىدا ئىشلەيدۇ، ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، تۇرمۇشىمىزدا زور ياخشىلىنىش بولدى. بۇلارغا ئوخشاش «ئەر-خوتۇن ھەمراھ»لار باقمىچىلىق مەيدانىدا خېلى كۆپ.

  چۇاڭجىن چارۋىچىلىقىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ پىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باقمىچىلىق مەيدانىدىكى ھەر خىل سورتتىكى كالا 20 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىمىز ناھايىتى زور. ھازىر، پۈتۈن مەيداندىكى چارۋىچى 475كە يەتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر %60نى ئىگىلەيدۇ.

  قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، باقمىچىلىق مەيدانى مەخسۇس ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەردىكى ئارخىپ تۇرۇغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى ئامانلىق ساقلىغۇچىلىققا ئوخشاش يېنىك جىسمانىي ئەمگەك ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، «ھەر ئايدا 4000 يۈەن ئەتراپىدا مائاشى بار، تۇرمۇشىنى قامداش مەسىلە ئەمەس» دېدى جاڭ پىڭ.

  بۇنىڭدىن باشقا، باقمىچىلىق مەيدانلىرى ھەر يىلى 150 مىڭ توننا ئېچىتىلغان يەم-خەشەك زاكاز قىلىپ سېتىۋېلىپ، ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەردىكى 440تىن ئارتۇق دېھقانلارنىڭ ئېچىتىلغان كۆممىقوناق قاتارلىق يەم-خەشەكلەرنى تېرىشىغا تۈرتكە بولدى. پەقەت مۇشۇ بىر تۈردىلا، ھەربىر دېھقان يىلىغا 5000 يۈەن كىرىم قىلالايدۇ؛ باقمىچىلىق مەيدانى ھەر يىلى يەنە ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەردە 30 مىڭ توننا شاخ-شۇمبا سېتىۋېلىپ، دېھقانلار مو بېشىدىن 150يۈەن كىرىم قىلدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، چۇاڭجىن چارۋىچىلىقىدا 3476 مو باقمىچىلىق بازىسى، 127 قوتان، يىلىغا 100 مىڭ كالا سويۇلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بار بولۇپ، توڭلىتىلغان گۆش، سوغۇق يېڭى گۆش قاتارلىق مەھسۇلاتلار بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەرگە سېتىلىدىكەن، 2018-يىلى مەھسۇلات قىممىتى 200 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

  «ھازىر كالىنى ياخشى بېقىپ، كۆپرەك پۇل يىغىپ، تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلاشنى ئويلايمەن» دېدى ئايگۈل جۇمانالى گەپ ئارىلاپ، ئارقا تەرەپتىكى ھارۋىدا لىق بېسىلغان يەم-خەشەكنى كالىلار بىردەمدىلا يەپ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى