تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى چوڭقۇر مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسى ئەسلىي مەقسەتنى ئىزاھلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى چوڭقۇر مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان   پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسى ئەسلىي مەقسەتنى ئىزاھلىدى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

       باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەرگەنلىكى پۈتۈن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، جاڭ فۇچىڭنىڭ دوستى بىلەن تونۇشۇشتىن تۇنجى قېتىم تاراتقۇ خەۋىرى ئارقىلىق قەھرىمانغا يېقىنلاشقان كىشىلەرگىچە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرغان، ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرغان جاڭ فۇچىڭغا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولغانلىقىنى ھېس قىلدى.

  كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدىن بىز ئۇنىڭ قەھرىمانلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، پۈتۈن جەمئىيەتتە كۈرەش قىلىدىغان يېڭى دەۋر قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى كۆرۈپ يەتتۇق. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەھرىمانلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

   قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش: خىسلىتىنى ئۆزگەرتمەي، نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭ 60 نەچچە يىلدىن بۇيان نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، ئۆمۈر بويى ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، خىسلىتىنى ئۆزگەرتمىگەن، ئىش ئىزلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

  جاڭ فۇچىڭ بىلەن تونۇشقىنىغا كۆپ يىل بولغان خۇبېي ئۆلكىسى لەيفېڭ ناھىيەسى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ چاڭئېن پېشقەدەم قەھرىماننىڭ نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرۇپ، مەنسەپ - مەنپەئەت قوغلاشمىغانلىقى ۋە ئالىيجانابلىقىغا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.

  «مەن ئىلگىرى ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتقان، پەقەت بۇ ئائىلىنىڭ ئائىلە تەربىيەسى قاتتىق بولغان ئادەتتىكى ئائىلە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئۇ بىر ئۈمىدۋار، ئاددىي - ساددا، كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىي، خىزمەتنىڭ ئەڭ جاپالىقىنى تاللاپ قىلىدۇ، ئىستىلى دۇرۇس.» «ئەتراپىدىكى ئاددىي كىشىلەر» بىلەن كۈرەش قەھرىمانىنىڭ روشەن سېلىشتۇرمىسى جاڭ چاڭئېننى چوڭقۇر ھاياجانلاندۇردى. «يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ قالتىسلىقى ئۇنىڭ قەلبىدە پەقەت پارتىيەلا بارلىقىدا، پەقەت دۆلەتلا بارلىقىدا، پەقەت خەلقلا بارلىقىدا؛ ئۇنىڭ ئاددىيلىقى ئۇنىڭ ئەزەلدىن ئۆزىنى ئويلىمىغانلىقىدا. ئۇنىڭ سادىقلىق بىلەن قەتئىي چىڭ تۇرغانلىقىدىن بىز كوممۇنىستلارنىڭ خىسلىتى ۋە مەنزىلىنى كۆرۈپ يەتتۇق» دېدى جاڭ چاڭئېن چىن كۆڭلىدىن تەسىرلەنگەن ھالدا.

  ئوردېننىڭ نۇرى كۆمۈلۈپ قالغان ئۆتكەن ئىشلارنى يورۇتىدۇ. لەيفېڭ ناھىيەلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى ئۇچۇر توپلاش مەخسۇس بەنىنىڭ خىزمەتچى خادىمى نيې خەيبونىڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا جاڭ فۇچىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئېلىپ كەلگەن ماتېرىيالنى كۆرگەندە چىن قەلبىدىن ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقى ۋە ھاياجانلانغانلىقى ھېلىھەم ئېسىدە.

  «جاڭ فۇچىڭنىڭ ھاياتى، قەتئىي تىز پۈكمەس جاسارىتى كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ، نام - مەنپەئەت قوغلاشماسلىقى كىشىنى تېخىمۇ قايىل قىلىدۇ. قەھرىمان ئۈن - تىنسىز ياشىدى، ئۇنىڭ شانلىق كەچۈرمىشىدىكى مەردانىلىكتىن ھاياتنى قانداق شەكىلدە ئۆتكۈزگەندە ئاندىن مەنىگە، قىممەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم» دېدى نيې خەيبو.

  جاڭ فۇچىڭنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ئۇ تۇرغان بۇرۇنقى قىسىم ــــ شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم تۇەنىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەرنى چەكسىز شەرەپكە چۆمدۈردى، چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى، ئىلھاملاندۇردى. سىياسىي باشقارما تەشكىلات بۆلۈمچىسىنىڭ بۆلۈمچە باشلىقى چېن جىجوۋ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پېشقەدەم قەھرىماننىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىغا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بەرگەنلىكى قىسىمىمىزدىكى كوماندىر - جەڭچىلەرنى ئىنتايىن زور ئىلھاملاندۇردى، كۆپچىلىك «قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىش، ئەنئەنىگە ئەھمىيەت بېرىش» ئاڭلىقلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، «كەمتۈكلۈك»لەرنى تېپىپ چىقتى، مۈجمەل تونۇشلارنى ئايدىڭلاشتۇردى، غايە - ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

  ئۇلۇغ ئىشلار ئەزەلدىن سان - ساناقسىز بەدەل تۆلەش ۋە قۇربان بېرىشتىن ۋۇجۇدقا چىققان.

  «پارتىيەمىز نېمە ئۈچۈن مۆجىزە يارىتالىدى؟ جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە روھى دەل مۆجىزە يارىتىشتىكى كۈچ، مۆجىزىنى چۈشىنىشتىكى <مەخپىي شىفىر>.» شاڭخەي شەھەرلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى، شاڭخەي داشۆسى ئەدەبىيات شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى شىن پىڭ مۇنداق دېدى: بىز قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەش، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىشتە، ئۇلارنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك ئىنقىلابىي خىسلىتىنى ئۆگىنىشىمىز، ئۇلارنىڭ قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان جەڭگىۋار روھىنى ئۆگىنىشىمىز، ئۇلارنىڭ نام - مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئۆگىنىشىمىز، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن كوممۇنىستلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

   روھقا ۋارىسلىق قىلىش: ئەسلىي مەقسەتتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، خالىس تۆھپە قوشۇش

  قىسىمدا جاڭ فۇچىڭ ۋەتەننى قوغدىدى؛ يەرلىكتە ئۇ خەلققە بەخت ياراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇ ئۆزىنىڭ ئاددىي - ساددىلىقى، ساپلىقى، نام - مەنپەئەت قوغلاشماسلىقى بىلەن ئېسىل كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى، ئۇ قىسىمدىكى كەڭ كوماندىر - جەڭچىلەر ۋە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.

  «بىر ھەربىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، جاڭ فۇچىڭ مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلىپ زور تۆھپە قوشتى؛ بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ يەنە ئارمىيەدىن چېكىنىپ، كەسىپ ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنى چوڭ تۇتماي، ئاددىي - ساددا ياشاپ، باشتىن - ئاخىر دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىدى. ئۇ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە ئۈلگە بولدى، مەن يېڭى نەتىجە ۋە تۆھپىلەر بىلەن ئىلگىرى ئۇچامغا كىيگەن ھەربىي فورمىغا مۇناسىپ كېلىشىم كېرەك» دېدى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى خۇڭگۇتەن يېڭى رايونىدىكى بىر كارخانىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جەي شياۋلۇڭ.

  مەيلى قاچان، قەيەردە بولسۇن، ئەسلىي مەقسەتتە قەتئىي چىڭ تۇردى؛ ھېچقانداق ئىش ئورنى ئايرىماي سەمىمىي تۆھپە قوشتى. ئاشلىق ئىدارىسى، سەنخۇ رايونى، ماۋدۇڭ گۇڭشېسى، تاشقى سودا ئىدارىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى...جاڭ فۇچىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇشتىن دەم ئېلىشقا چىققىچە، نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، خۇددى بىر پارچە خىشتەك قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا شۇ يەرگە يۆتكەلدى.

  بۇ يىل 5- ئاينىڭ بېشىدا، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى باش بانكىسى مەخسۇس خۇبېي ئېنشىدا جاڭ فۇچىڭدىن ئۆگىنىش مۇھاكىمە يىغىنى تەشكىللەپ، بۇ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، كۆرسەتكەن خىزمىتىدىن مەغرۇرلانماي، پايدا - زىيان بىلەن ھېسابلاشماي بىر ئۆمۈر تۆھپە قوشۇشتەك روھىنى ئۆگەندى.

  «مەن ئىلگىرى قەھرىمانلار كىتابلاردا، ئەسلىمىلەردە ياشايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم، ھازىر قەھرىمانلارنىڭ ھەقىقەتەن ئەتراپىمىزدا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.» جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى ئېنشى شۆبە بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى شياڭ چيەن مۇنداق دېدى: «بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پېشقەدەم قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، <تۆھپىدە مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا جەزمەن مەن بولۇشۇم كېرەك> دەيدىغان روھنى تۇرغۇزۇپ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ پۇختا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك».

  پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، دۆلەتكە تۆھپە قوشۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا جاڭ فۇچىڭ باشتىن - ئاخىر قەتئىي چىڭ تۇردى، بۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ تەسۋىرى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەڭ مەيدانىدا كۈرەش قىلىۋاتقان پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىلھاملاندۇردى.

  «بىز ئۈلگىلەردىن ئۆگىنىش، روھقا ۋارىسلىق قىلىشتا، ئۆزىمىزگە تەۋە جەڭ مەيدانىدا ساداقەتمەنلىك بىلەن دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز، خالىس تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.» يېزىغا چۈشۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىگىلەۋاتقان خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىمىن ناھىيەسى خۇپىڭشەن بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى دۈەن شاۋشۇەي جاڭ فۇچىڭنىڭ ئىش ئىزلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، كەنتتىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ، قەھرىماننىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۆگىنىشنى نەق مەيداندا قارار قىلدى.

  شىمىن ناھىيەسى ۋۇلىڭ تېغى ئېتىكىدىكى توپ تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونغا جايلاشقان نامرات ناھىيە. ئۇزاق مۇددەت بۇ يەردە كۈرەش قىلىۋاتقان ئاساسىي قاتلامدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۈەن شاۋشۇەي مۇنداق دېدى: بىزدە تېخىمۇ چوڭ سەۋرچانلىق، تېخىمۇ كۈچلۈك چىدامچانلىق بولۇشى كېرەك، «گۈل كەشتىلەش» ھۈنىرى بىلەن نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

   دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق: ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش، كۈرەش قىلىش

  «ھەممە بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلىدىغان يېڭى دەۋر قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك،» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ.

  بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بولىدۇ، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس كۈرىشى بولىدۇ.

  چىڭخۇا داشۆسى خىمىيە فاكۇلتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى تېڭ شۈسۇڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پەن تەتقىقات يولى جاپا - مۇشەققەتكە تولغان، لېكىن تەجرىبىنىڭ قايتا - قايتا مەغلۇپ بولۇشى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلىدى. «يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوق ئارىسىدا ھايات - ماماتىنى ئويلاشمىغان جاڭ فۇچىڭ بوۋاي بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئوڭۇشسىزلىقلار قانچىلىك ئىدى؟» تېڭ شۈسۇڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەلىك ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جاڭ بوۋاينىڭ روھى ۋە مۇھەببىتى ئارقىلىق ئۆزۈمنى ئىلھاملاندۇرۇپ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋردىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن.

  «شۆھرەت قوغلاشماي، نام - ئاتاققا بېرىلمەي، ھەربىر خىزمەتنى پۇختا ئىشلەش، ھەربىر قېتىملىق ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنداش، بۇ، پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭنىڭ ماڭا بەرگەن ئىلھامى.» لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ دەندۇڭ شەھىرى بانكا سىستېمىسىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرى ليۇ زۇڭيىڭ مۇنداق دېدى: «ئىنقىلابىي ئەجدادلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۈگۈنكى بىز ياخشى دەۋرگە ئۇلاشتۇق، كۈچىمىزنى تېخىمۇ ئايىماي، دەۋر بىزگە يۈكلىگەن بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىمىز، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىمىز، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىمىزنى ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىگە ئاڭلىق سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك.»

  بىر ئۈمىدۋار مىللەتتە قەھرىمان بولمىسا بولمايدۇ، بىر ئىستىقباللىق دۆلەتتە ئاۋانگارت بولمىسا بولمايدۇ.

  خۇبېي ئۆلكىلىك ھەربىي رايوندىكى كوماندىر - جەڭچىلەر پېشقەدەم جاڭ فۇچىڭنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى پائال ئۆگىنىپ، «قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئالايلى» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا قەھرىماننى ئۈلگە قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلاندى.

  «يېڭى دەۋردىكى ھەربىي بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز قەھرىمانلارنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەپ، قەھرىمانلارنىڭ جاپادىنمۇ، ئۆلۈمدىنمۇ قورقمايدىغان كۈرەش روھىدىن ئۆگىنىپ، چاقىرغان ھامان كېلىدىغان، كەلگەن ھامان ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.» دېدى خۇبېي ئۆلكىسى ئېنشى شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ سىلىڭيۈەنى شى چىفېڭ.

  70 يىللىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، 70 يىللىق جاپا - مۇشەققەت، شانلىق نەتىجە. بىپايان جۇڭگو يولىدا، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئۆزىنى بېغىشلاش، چەكسىز سادىق بولۇشنىڭ سەھىپىسىنى پۈتتى.

  «قەھرىمانلار دەۋرنىڭ بايراقدارى، قەھرىمانلار روھى بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان نۇرلۇق چىراغ.» غەربىي جەنۇب سىياسىي - قانۇن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى چېڭ دېئەن مۇنداق دېدى: ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا مۇھىمى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، قىممەتلىكلىكى تىرىشىپ ئورۇنداش بولۇپ، پەقەت شەخسىي ئارزۇنى جۇڭگو ئارزۇسىغا يۇغۇرۇپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ بىرمۇبىر كارامەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا، بىز ئاندىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەممە بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلىدىغان يېڭى دەۋر قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.