تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بوران-چاپقۇن دېڭىزنى تاشتۇرۇۋېتەلمەيدۇ

− ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلغانلار جەزمەن مەغلۇپ بولىدۇ

جۇڭ شېڭ

  «يەر شارىۋىلىشىشنى رەت قىلىش قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى رەت قىلغانلىق.» بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق مۇخبىرى جورجى پاك ئامېرىكىلىقلارنى مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرغانىدى.

  كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار سەمىمىي نەسىھەتكە پۈتۈنلەي پىسەنت قىلماي، تارىخ ئېقىمى بىلەن ھېسابلاشماي، بۇنىڭدىن كېيىن «يەر شارىۋىزم ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىزم بىزنىڭ مەسلىكىمىز بولىدۇ» دەپ ئاشكارا جار سالدى. ئۇلار قاراڭغۇ ئۆيگە سولىنىۋېلىپ، توختىماي زامانغا لايىق كەلمەيدىغان، باشقىلارغىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر خىل ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. تاموژنا بېجىنى كۆپەيتتى، ئېكسپورتنى تىزگىنلەشتىكى «ئەمەلىي گەۋدە تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى، سودا قورۇقچىلىقىنىڭ يوغان كالتىكىنى بارغانسېرى كۈچەپ پۇلاڭلاتتى؛ توپتىن چېكىنىدىغان، تام سالىدىغان، سودا ئۇرۇشى قىلىدىغان، تارىخ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان قىلمىشلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. شۇڭا دۇنيا ئەھلى: مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئامېرىكا يەر شارىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدىغان ئوخشىمامدۇ؟! دەپ ھەيران قېلىۋاتىدۇ.

  ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، ئامېرىكا ئىزچىل ئۆزىنى ئىقتىسادنى يەر شارىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەشەببۇس قىلغۇچىسى، شۇنداقلا ئەڭ زور نەپ ئالغۇچىسى دەپ ئاتاپ، ماختىنىپ كەلگەنىدى. لېكىن ھازىرقى ئامېرىكا «قالايمىقانلاشتۇرغۇچى» «بۇزغۇنچى»غا ئايلىنىپ قالدى، بۇ دۇنيا ئەھلىنى ھەقىقەتەن ھاڭ - تاڭ قالدۇردى. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈپ، قانداقتۇر «ئەركىن سودا يەر شارىۋىلىشىش ئەمەس» «يەر شارىۋىلىشىشنىڭ ئامېرىكىدىكى مىليونلىغان ئىشچىلارغا ئېلىپ كېلىدىغىنى پەقەت نامراتلىق ۋە قايغۇ - ھەسرەت» دەۋاتىدۇ. بۇ سەپسەتىلەر دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتنىڭ پالاكىتىنى ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىغا ئارتىپ، پۈتۈن يەر شارىنىڭ مەنپەئىتى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۆز مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە چوڭايتىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

  دەل مۇشۇنداق يامان غەرەز بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئەقلىدىن ئېزىپ، دات بېسىپ كەتكەن «سوغۇق قورال»لارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ھە دېسىلا تاموژنا بېجى بىلەن بېسىم ئىشلىتىپ، «دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى تەكشۈرۈش»تىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئارامىدا قويمايۋاتىدۇ. قائىدە ئېڭى ۋە ئەخلاق، ھەققانىيەت تۇيغۇسىنى دېمەيلا تۇرايلى، بۇ خىل دەۋر ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» راستتىنلا ئامېرىكىنى «قايتا تۆرگە چىقىرالامدۇ؟»

  «كىشىگە قىلساڭ يامانلىق، ساڭىمۇ يوقتۇر ئامانلىق.» سودا ئۇرۇشىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى شۇكى، «ئامېرىكىلىقلارنىڭ مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كېتىدۇ» «بۇ چىقىم ئامېرىكىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئۈستىگە ئارتىلىدۇ.» 2018- يىلى ئامېرىكا دېھقانلىرىنىڭ ساپ كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 تۆۋەنلەپ، ئون يىل ئىلگىرى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەن چاغدىكى سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى. ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەر بەك ئۈمىدسىزلەندى، ئامېرىكا سېرىق پۇرچاق جەمئىيىتى، ئامېرىكا كىيىم - كېچەك ۋە ئاياغ جەمئىيىتى، ئامېرىكا ئىستېمالچىلار تېخنىكا جەمئىيىتى قاتارلىقلار بەس - بەستە شىكايەت قىلىپ، «تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش پەقەت ئامېرىكىدىكى دېھقانلار، كارخانىلار ۋە ئىستېمالچىلارنى جازالايدۇ» دېيىشتى.

  كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشى ۋە خەلقئارا ئىش تەقسىماتى ئارقىسىدىكى قانۇنىيەتكە پىسەنت قىلماي، ۋاشىنگتون «قارا كۈچى»گە تايىنىپلا ياسىمىچىلىق كەسپىنى پۈتۈنلەي ئامېرىكىغا يۆتكەپ كېتەلەمدۇ؟ بۇ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىگەنلىك! «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى»دە يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ھالبۇكى ئامېرىكىدا بۇنداق ئارقىغا چېكىنىش پۈتۈنلەي مۇمكىن بولمايدىغان ئىش» − ئىمپورت قىلىۋاتقان ئاشۇ مەھسۇلاتلارنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن زور ئەمگەك كۈچى قوشۇنىغا قايتا ئىگە بولۇش كېرەك. رېئاللىق شۇكى، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن رايونلىرى ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە. ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلاردىمۇ خەۋپ - خەتەر ئالامەتلىرى كەم ئەمەس، ياسىمىچىلىق جەھەتتە، بىرىنچى پەسىلدە ئامېرىكىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.1تۆۋەنلىدى، 4- ئايدا 3- ئايدىكىدىن يەنە %0.5 تۆۋەنلىدى. ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك ۋاسىتىسى بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا پۈتۈن يەر شارى كەسىپ زەنجىرىگە ئارىلىشىشى ئامېرىكىغا يەنە نېمىلەرنى ئېلىپ كېلەر؟ بۇ، ئوبرازىنى ئۆزى نابۇت قىلىش بولۇپلا قالماي، ئاقىۋەتتە پەقەت بىھۇدە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت، خالاس!

  ۋاشىنگتون «خەلقئارا مەسئۇلىيىتى»نى كۆز - كۆز قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئەمەسمىدى؟ ئامېرىكا ھەممە يەردە سودا ئۇرۇشى قوزغاپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرتىپىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، «پۈتۈن يەر شارى ئاممىۋى مەھسۇلاتى»غا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتى 2019- يىلى پۈتۈن يەر شارى سودىسىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى %3.7تىن %2.6كە تۆۋەنلەتتى، بۇ، ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە. بۇ دەل ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى مەسئۇلىيىتىگە پىسەنت قىلماي، دۇنياغا يەنە بىر قېتىم «خارابلاشتۇرۇش توزىقى» قۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلارنىڭ تۈرلۈك سۆز - ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ھەممىسى: «ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتى، ئەمگەكچىلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، يەر شارىۋىلىشىش مۇساپىسىنى بۇراشقا ئۇرۇنۇشتەك بۇ خىل ھەرىكەت ھەم دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، ھەم ئامېرىكىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بەرپا قىلغان خەلقئارا ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدۇ» دەپ دىمىقىدا كۈلۈپلا قويدى.

  ئامېرىكا يەر شارىۋىلىشىش يولىنىڭ قارشى يۆنىلىشىدە مېڭىپ بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر مەسئۇلىيەت ۋە سەمىمىيلىك بىلەن يەر شارىۋىلىشىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، دۇنياغا جۇڭگو مەسئۇلىيىتىنى − جۇڭگونىڭ باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، پۈتۈن يەر شارىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگونىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىشى پاسسىپ ھالدىكى ئەگىشىش ئەمەس، بەلكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېقىمغا يېتەكچىلىك قىلىپ، «تۆت كوچا ئېغىزى»دا تۇرۇپ قالغان دۇنياغا ئېنىقلىق قوشۇش ئۈچۈندۇر. بىرى چېكىنىۋاتىدۇ، بىرى ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ھەقىقەت قايسى تەرەپتە؟ ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت قايسى تەرەپتە؟ كىشىلەر قەلبى قايسى تەرەپكە مايىل؟ بۇنىڭغا تارىخ ھامان ئادىل باھا بېرىدۇ.

  دۇنيا ئېقىمى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلىمەكتە، ماسلاشقانلار روناق تاپىدۇ، قارشى چىققانلار ھالاك بولىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ قانداق ئەمەلىي كۈچى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئېقىم بىلەن دۈشمەنلىشىپ، چوڭ ۋەزىيەت بىلەن قارشىلاشسا، مۇقەررەر ھالدا باش - كۆزى قانغا مىلىنىدۇ. بۈگۈنكى يەر شارى كەنتى نادانلىققا تولغان ئىپتىدائىي قەبىلە ئەمەس، ئىشىكنى تاقاپ ئاسمانغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان چاغلار ئاللىقاچان كەلمەسكە كەتتى، دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ دېڭىزنى قايتىدىن ئايرىم - ئايرىم يېگانە كۆللەرگە، كىچىك ئېقىنلارغا ئايلاندۇرىمەن دېيىشنىڭ جەزمەن چىقىش يولى بولمايدۇ. كىم بۇ دۇنيانى رەت قىلسا، جەزمەن بۇ دۇنيا تەرىپىدىن رەت قىلىنىدىغانلىقىنى تارىخ ئىسپاتلىغان، يەنە قايتا ئىسپاتلايدۇ. بىز ئامېرىكىدىكى ئاشۇ سىياسەتۋازلارغا شۇنداق نەسىھەت قىلىمىزكى: جاھىللىق بىلەن تارىخ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلىۋەرسەڭلار مۇقەررەر مەغلۇپ بولىسىلەر!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى