تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭشىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە ھەم ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ <پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى>نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭشىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە ھەم ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭشىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە ھەم ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا يەنىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قوزغىتىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سودا-تىجارەت مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، شەرقىي قىسىم دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەمىز ئاچقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە تەربىيەلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش گۈزەل ھېسسىياتىنى قوزغىتىش كېرەك. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، گۈزەللىكلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، گۈزەللىكلەردىن ئورتاقلىشىش كېرەك.

  يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ <پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتى نىزامى>نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «نىزام»نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا، ئىلمىي ئادەم تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم تاللاش نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق نازارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش - تەيىنلەش خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇش كېرەك. «نىزام»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدىغان ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى