شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان مەملىكەتلىك دېموكراتىيە ئىتتىپاقىنىڭ ھىندىستاننىڭ 17- نۆۋەتلىك خەلق پالاتاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان مۇھىم قوشنا دۆلەت، ھازىرقى دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئىككى دۆلەت ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدە. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. جۇڭگو - ھىندىستان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشى، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ياخشى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاشقا تۈرتكە بولدى. مەن جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ يېقىن بولغان تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.