تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى

  مۇخبىرىمىز فۇ شياڭلۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە 35 تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ھەم «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» 3217 كارخانىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئاساسىدا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى چىقىش قىلىپ، مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  5- ئاينىڭ 15- كۈنى، مۇخبىر ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى لياڭخې تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى دۇڭنەنگۇ كەنتىگە كەلگىنىدە، بۇ يەردىكى تۆت ئوتقا چىداملىق ماتېرىيال زاۋۇتى «ئىككىنى ئۈزۈش، ئۈچنى ئېنىقلاش» بويىچە تۈزەش خىزمىتىنى تاماملىغان بولۇپ، ئالاقىدار قالدۇق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتقانىدى.

  ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى) كارخانا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى شۈ گوبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ رايون رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈپ چىقىلغان «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىلارغا قارىتا تۈزىتىش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت رەھبەرلىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر كارخانىغا بىر سىياسەت تۈزۈپ، «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىلارغا قارىتا قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئېلىپ باردى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) تەۋەسىدە مېتاللۇرگىيە، يېمەكلىك، پىششىقلاش، ئوراش - قاچىلاش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىدىغان «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» جەمئىي 184 كارخانا بار. بۇنىڭ ئىچىدە 177 كارخانىنى تەرتىپكە سېلىش تاماملاندى، يەتتە كارخانا تۈزىتىلگەندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش تەلىپىگە ئاساسەن ئۈرۈمچى شەھىرى «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» جەمئىي 3217 كارخانىنى ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تۈزىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 2875 كارخانا تاقاش، توختىتىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق تۈزەشنى تاماملىغان؛ 133 كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تۈزەش ئارقىلىق رەسمىيەتنى تولۇقلاپ بېجىرىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن؛ 209 كارخانا تەلەپ بويىچە 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن پۈتۈنلەي سانائەت باغچە رايونىغا كۆچۈپ كىرىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى شەھىرى ھەرقايسى رايون (ناھىيە)، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنى ئۆز تەۋەلىك رايونى ۋە ئۆزلىرى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەلەردىكى «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىلارغا قارىتا ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىشقا تەشكىللەپ، «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈندىلىك خىزمەتلەر تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىلارنى دەل جايىدا ئېنىقلاپ رەتكە تۇرغۇزۇش، تۈزەشنى دائىملاشتۇرۇش، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال بىر تەرەپ قىلىش، يېڭىدىن كۆپىيىشنى توسۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى