تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پىرژېۋالىسكى ياۋا ئېتى كۆپىيىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى

  5- ئايدا تۆت قۇلۇن تۇغۇلدى

  مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 22- كۈنى يېرىم كېچىدە، شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىدە، بوشقىنا ھاسىرىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، چىرايلىققىنە بىر چىشى قۇلۇن دۇنياغا كەلدى.

  «تۈنۈگۈن تۇغۇلغان قۇلۇننىڭ رەت نومۇرى جۇڭغار 386 نومۇر، تۇغۇلۇپ يېرىم سائەتتىن كېيىنلا ئورنىدىن تۇردى.» شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزى كەسپىي بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ چېن مۇنداق دېدى: «5- ئايدىن باشلاپ، پىرژېۋالىسكى ياۋا ئېتى كۆپىيىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىگە كىردى، بۇ، مۇشۇ ئايدا تۇغۇلغان تۆتىنچى قۇلۇن.»

  پىرژېۋالىسكى ياۋا ئېتى ھازىر يەرشارىدا بىردىنبىر ساقلىنىپ قالغان ياۋا ئات تۈرى بولۇپ، ئاتنىڭ ئىپتىدائىي گېنىنى ساقلاپ قالغان، ئات تۈرىدىكى ھايۋانلار ئىرسىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش ھەم ئۆي ئېتىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ياخشىلاش ۋە نەسىللەندۈرۈشكە ئىشلىتىشتىكى قىممەتلىك تۈر، لېكىن كىلىمات ۋە سۈنئىي سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئىلگىرى نەسلى قۇرۇپ كېتەيلا دەپ قالغان. 1986- يىلى، ئېلىمىز تۇنجى قېتىم چەت ئەلدىن پىرژېۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ نەسلىنى قايتۇرۇپ كەلگەن ھەم شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىنى قۇرۇپ، ياۋا ئات تۈر توپىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

  «بۇ يىل 4- ئايغا قەدەر، مەركىزىمىزدە جەمئىي 111 ياۋا ئات دالىدا كۆپەيدى ھەم ئەي بولدى.» شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ما شىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر قارامايلى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بىلەن مەركىزىمىزدە جەمئىي 300دىن ئارتۇق ياۋا ئات بار، دۇنيا بويىچە ياۋا ئات كۆندۈرۈش، كۆپەيتىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋە دالىدىكى تۈر توپى مىقدارى ئەڭ كۆپ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى