تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز سانائىتىدە ئالدىنقى تۆت ئايدا سېلىنمىنىڭ قايتا ئېشىش سۈپىتى ياخشى بولدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1- ئايدىن 4- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى 2958 سانائەت كارخانىسىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئېشىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن «يۈرۈشۈشى تەكشى، مۇقىم بولۇش، سېلىنما قايتا ئېشىش، سۈپەت ياخشىلىنىش» ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن.

  سانائەت سېلىنمىسى جەھەتتە، ئون چوڭ نۇقتىلىق ساھە ئىچىدە توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، نېفىت قاتارلىق ئالتە ساھە ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان؛ 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ئىچىدە 11 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت سېلىنمىسىدا قايتا ئېشىش ھالىتى داۋاملىق ساقلانغان. ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە سانائەت باغچە رايونلىرى تۈر قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەنلىكتىن، سانائەت سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50.3 پوئېنت ئېشىپ، ئۇدا ئۈچ ئاي مۇسبەت ئېشىش ھالىتىنى ساقلاپ قالغان. ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى 50 مۇھىم، زور تۈرگە 2019- يىلى 36 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان بولۇپ، 8 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى نېفىت - خىمىيە شۆبە شىركىتى، شاڭخەي داجۇڭ (شىنجاڭ) ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى، جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاساسلىق تىجارەت كىرىمى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ھۈنەرنى ياخشىلاش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش بويىچە تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرىدىن 198نى يولغا قويغان، مۆلچەردىكى ئومۇمىي سېلىنما 30 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، 6 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سانائەت سېلىنمىسىدا يەنە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشىدە «سۈپەتنى ئۆستۈرۈش» سىگنالى گەۋدىلىنىپ، ياسىمىچىلىققا مەبلەغ سېلىشتىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىجادىيەتلىك قوزغىتىشقا قاراپ ئۆزگەرمەكتە. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش جانلانغان، بولۇپمۇ يېڭى ماتېرىياللار ۋەكىللىكىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش مەبلەغ سېلىش قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش شارائىتى ھازىرلانماقتا. «خىلور، ئىشقار كەسپىدە ئىشلەپچىقىرىشتىكى كېرەكسىز سۇنى قويۇپ بەرمەسلىكنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش» قاتارلىق بىر تۈركۈم يېشىل توپلاشتۇرۇلغان تۈرلەر مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان يېشىل ياسىمىچىلىقتىكى تىپىك ئەندىزىگە ئايلىنىپ، يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇتتىن 94نى، يېشىل باغچە رايونىدىن تۆتنى، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسىدىن بەشنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون سانائەت ئالاقە تورى، ئالاقە تورى+ئەمەلىي ئىقتىساد خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپىنى ئاساس، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ياسىمىچىلىقى، خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت كەسپىنى ئېشىش نۇقتىسى قىلغان، نەرسە تورى، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق يۇغۇرما قوللىنىشقا تۈرتكە بولىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز سانائەت ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشكە مەبلەغ سېلىشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئاساسلىق تىجارەت كەسىپ كىرىمى رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 200 كارخانا ئىچىدىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ 2019- يىلى يولغا قويماقچى بولغان تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرلىرىنى رەتلەپ، ساھەدىكى تەسىر كۈچى كۈچلۈك، سېلىنمىسى كۆپ بولغان 50 مۇھىم، زور تۈرنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇقتىلىق تۈرلەرگە رەھبەرلىك قىلىش، ئالاقىلىشىش، ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلەرنى يۈرۈشتۈرۈش داۋامىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى كۈچەپ ھەل قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى