شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېجىڭ، 5- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا «دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلان سىستېمىسى بەرپا قىلىش ھەم يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.
«پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلان سىستېمىسى بەرپا قىلىش ھەم يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنىڭ دۆلەت يىرىك پىلان سىستېمىسىدىكى ئۇل خاراكتېرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇشنى بوشلۇق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. 2020- يىلىغا بارغاندا، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلان سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىدۇ، «كۆپ خىل بەلگىلىمە بىرلەشتۈرۈلگەن» يىرىك پىلان تۈزۈشنى تەستىقلاش سىستېمىسى، يولغا قويۇشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى، قانۇن - نىزام، سىياسەت سىستېمىسى ۋە تېخنىكا ئۆلچىمى سىستېمىسى تەدرىجىي ئورنىتىلىدۇ؛ شەھەر، ناھىيەدىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئومۇمىي يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش - قوغداشتىكى «بىر پارچە خەرىتە» دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلىدۇ. 2025- يىلىغا بارغاندا، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىغا ئالاقىدار قانۇن - نىزام، سىياسەت ۋە تېخنىكا ئۆلچىمى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ؛ دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە نەتىجە - ئۈنۈمنى باھالاش مېخانىزمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ؛ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى ئاساس، بىرتۇتاش پايدىلىنىشنى تىزگىنلەشنى ۋاسىتە قىلغان دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش - قوغداش تۈزۈمى شەكىللەندۈرۈلىدۇ. 2035- يىلىغا بارغاندا، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقى تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، ياشاش بوشلۇقى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، ئېكولوگىيە بوشلۇقى تاغ - دەريالىرى گۈزەل بولغان، بىخەتەر - ئىناق، رىقابەت كۈچىگە باي ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ.