تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سېمىز ئوت كىچىك بالىلاردىكى كۆكيۆتەلنى ياخشىلايدۇ

  چېڭدۇ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسى جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى پۇ جاۋخې

  كۆكيۆتەل بىر خىل جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، كىچىك بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى تۇيۇقسىز قوزغىلىدىغان سىپازمىلىق يۆتىلىش بولۇپ، يۆتەلگەندە توخۇ چىللىغاندەك ئەكس سادا پەيدا بولۇشتىن ئىبارەت. جۇڭيى تېبابىتىدە بۇنى ئۇشتۇمتۇت يۆتەل، سپازمىلىق يۆتەل قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتايدىغان بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئىچكى بەلغەمدىن بولىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغاندا، ئۆپكىگە تەسىر قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. داۋالاشتا، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىشنى ئاساس قىلىش كېرەك.

  تۆۋەندە بالىلاردىكى كۆكيۆتەلنى پەسەيتىدىغان بىر رېتسىپ تەۋسىيە قىلىمىز: ھۆل سېمىز ئوتتىن 30~20 گرام ئېلىپ، سۇدا ئىككى قېتىم قاينىتىپ، ئىككى قېتىملىقنى بىرلەشتۈرۈپ سۈزۈپ، 150~100 مىللىلىتىرغىچە قويۇلدۇرۇپ، بىر كۈندە ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ ئىچىلىدۇ، يەتتە كۈن بىر داۋالاش مۇددىتى قىلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق بالىلاردىكى كۆكيۆتەلنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

  سېمىز ئوتنىڭ تەمى چۈچۈمەل، تەبىئىتى سوغۇق، ئاساسلىق ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ھۆللۈكنى ھەيدەش، قاننى تارقىتىپ ئىششىقنى ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەپ ھۆللۈكنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق روللىرى بار بولۇپ، كۆپىنچە ئىسسىق زەھەرلىك تولغاق، غەلۋىرەك، چىقان، چاشقان يارىسى، ماتكىدىن قان كېتىش كېسىلى، بوۋاسىر قاناش، ئاق ۋە قىزىل خۇن ئارىلىشىپ كېلىش، سېرىق سۇ تەپچىرەپ تۇرىدىغان تېرە ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ. ئەل ئارىسىدا ئىشلىتىش داۋامىدا سېمىز ئوتنىڭ يۆتەل، زىققىنى داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى بارلىقى ئىسپاتلانغان، مەسىلەن، «سىچۈەن جۇڭيى دورىلىرى تەزكىرىسى»دە: «كۆكيۆتەلنى داۋالاشتا: سېمىز ئوتتىن 30 گرام، ياپون ستېموناسىدىن 10 گرام (بەيبۇ). سۇدا قاينىتىپ، ئاق شېكەر قوشۇپ ئىچىلىدۇ.» دەپ خاتىرىلەنگەن. ھازىرقى زامان فارماكولوگىيە تەتقىقاتىدا، سېمىز ئوتنىڭ باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش، ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش، يۆتەل توختىتىش، دەم سىقىلىشنى پەسەيتىش رولى بارلىقى، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش كۈچى كۈچلۈك ئىكەنلىكى، شۇنداقلا بەدەندىكى نەملىكنى سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق چىقىرىۋېتىدىغانلىقى، بەلغەمنى بوشىتىدىغانلىقى، ئۆپكىنى تىنچلاندۇرۇپ يۆتەل توختىتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، شۇڭا كۆكيۆتەل، سىپازمىلىق يۆتەلنى داۋالاشتا نىسبەتەن ياخشى ئۈنۈمى بار. بۇ رېتسىپ ئالتە ئايلىقتىن 10 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ، ئالتە ئايلىقتىن بىر يېرىم ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئىستېمال مىقدارىنى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ئازايتىشقا بولىدۇ، ئادەتتە ئۇدا 7~4 ئۆلچەم ئىشلەتسە، سپازمىلىق يۆتەل ۋە ئەكس سادا ئالامەتلىرى يوقىلىدۇ ياكى يېنىكلەيدۇ. ھۆل سېمىز ئوتنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى. ئەگەر قۇرۇتۇلغىنىنى ئىشلەتمەكچى بولساق، مىقدارىنى ھۆل سېمىز ئوتنىڭ 1/2ى ياكى 1/3ىچىلىك ئالساق بولىدۇ.

  سېمىز ئوتنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئاددىي، زەھەرلىك ئەكس تەسىرى يوق، داۋالاش ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. ئەگەر سېمىز ئوتنى قاينىتىپ ئىچكەندىكى قىرتاق تەمنى قوبۇل قىلالمىسا، 500 گرام ھۆل سېمىز ئوتقا 50 گرام ھەسەل قوشۇپ، قاينىتىپ مەلھەم قىلىپ، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇق، بىر كۈندە ئۈچ قېتىم يېسە بولىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى