تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بالىلار «ئاپتوموبىل» ھەيدەپ ئوپېراتسىيەخانىغا كىرىپ، يىغلىمايدىغان بولدى ‏

  مۇخبىرىمىز رېن چۈنشياڭ خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 21–كۈنى ئەتىگەندە، 6 ياشلىق شياۋ ئەي (يالغان ئىسىم)  ئوپېراتسىيەخانىغا بىر توكلۇق ئاپتوموبىلنى ھەيدىگىنىچە خۇشال كىردى، ئۇ يەنە ئانىسىغا قول پۇلاڭلىتىپ خوش دېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى.

  بالىلارنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىنىشتىن بۇرۇنقى قورقۇشى ۋە ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلغان تەشۋىشلىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 2-كىلىنىكىلىق تېببىي شۆيۈەنى (2-شۆبە دوختۇرخانا) قاتارلىق نۇرغۇن دوختۇرخانا بالىلار ئوپېراتسىيەسىنى كۈتۈش رايونى، بالىلار ئويۇن ئويناپ داۋالاش ئۆيى قاتارلىق بالىلارنى داۋالاشتىكى قوشۇمچە مۇلازىمەتلەرنى تەسىس قىلىپ، ھەر خىل ئويۇنچۇقلار بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە بالىلار ئوينايدىغان توكلۇق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، بالىلارنىڭ جىددىيلىشىشىنى پەسەيتىپ، دىققىتىنى چاچتى.

  5-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 2–كىلىنىكىلىق تېببىي شۆيۈەنى (2-شۆبە دوختۇرخانا) چىداۋان دوختۇرخانىسى ئوپېراتسىيە ناركوز بۆلۈمىنىڭ بالىلار ئوپېراتسىيەسىنى كۈتۈش رايونىدا، تاملارغا بوي ئېگىزلىكنى ئۆلچەيدىغان كارتون چاپلىما قاتارلىق رەڭگارەڭ، ئوماق چاپلىمىلار چاپلانغان، يەرگە يۇمشاق گىلەم سېلىنغان، ئويۇنچۇق ساندۇقىغا ئاپتوموبىل، ئايروپىلان قاتارلىق ئويۇنچۇقلار سېلىنغان بولۇپ، بىر تەرىپىگە يەنە بالىلار توكلۇق ئاپتوموبىلىدىن ئىككىسى قويۇلغانىدى، نەچچە كۋادرات مېتىر كېلىدىغان كۈتۈش رايونى ئىللىق ھەم بالىلارغا خاس بېزەلگەنىدى.

  ئەتىگەن 10دا، شياۋئەي ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا كۈتۈش رايونىغا كەلدى، ئانىسىنىڭ بوينىنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان شياۋئەي توكلۇق ئاپتوموبىلنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھاللا ئاپتوموبىلغا جەلپ بولدى، ئۇ ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇپ جىددىيلەشمىدى، سېسترالار ئۇنىڭ بېغىشىدىكى چەمبىرەكتىكى ئۇچۇرلارنى جەزملەشتۈرمەكچى بولغاندا، ئۇلارغا ماسلىشىپ كىچىك قوللىرىنى چىقىرىپ بەردى. نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، سېسترالارنىڭ يېتەكلىشىدە، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئوپېراتسىيەخانىغا كىردى، ئانىسى شۇندىلا خاتىرجەم بولدى.

  «ئىلگىرى، نۇرغۇن بالا بۇ يەرگە كەلسىلا ھۆڭرەپ يىغلايتتى، بەزىلىرى ئاتا–ئانىسىنى قۇچاقلىۋېلىپ، قانداقلا قىلساق قويۇپ بەرمەيتتى، ئۇلارنىڭ ئاتا–ئانىلىرىمۇ يىغلايتتى. ھازىر، بالىلار ئاتا–ئانىلىرى بىلەن بىللە ئوينىيالايدۇ، ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ» دېدى مەزكۇر دوختۇرخانا ئوپېراتسىيە ناركوز بۆلۈمىنىڭ سېستراسى سۇي خەيلى، «بالىلارنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىق بولسا، يىغىسى ئازلىسا، نەپەس يولىدىكى ئاجرالمىلار كۆپەيمەيدۇ، ناركوز قىلىش ۋە ئوپېراتسىيە تۇراقلىقىنىڭ ھەممىسىگە ئىنتايىن زور ياردىمى بار.»

  ھازىر، ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن دوختۇرخانا بالىلار ئوپېراتسىيەسىنى كۈتۈش رايونى، بالىلار ئويۇن ئويناپ داۋالاش ئۆيى قاتارلىق بالىلارنى داۋالاشتىكى قوشۇمچە مۇلازىمەتلەرنى تەسىس قىلىپ، بالىلارنىڭ تەشۋىشلىنىشىنى پەسەيتتى. مەسىلەن، ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ ئوپېراتسىيە ناركوز بۆلۈمىدىمۇ ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغان بالىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان ئويۇنچۇق توكلۇق ئاپتوموبىل بار، بۇ دوختۇرخانا يەنە ساغلاملىق ئويۇنى يېتەكچى ئۆيى تەسىس قىلدى؛ شىنجاڭ يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئوپېراتسىيە كۈتۈش رايونىمۇ بالىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان توكلۇق ئاپتوموبىل سېتىۋالدى.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى