تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«سېسترا بىلەن توردا كېلىشىش» ئۈرۈمچىدە ئىشقا كىرىشتى

  «سېسترا بىلەن توردا كېلىشىش» بويىچە ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر رېن چۈنشياڭ فوتوسى، خەۋىرى): ئوكۇل سېلىش، يىپنى ئېلىش، ۋېنادىن قان ئېلىش، ئاشقازان نەيچىسى ئالماشتۇرۇش، يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلارنى پەرۋىش قىلىش... بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ پەرۋىش قىلىش خىزمەتلىرىدە يان تېلېفوندا كېلىشسىلا، سېسترا ئىشىك ئالدىغا كېلىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ.

  5-ئاينىڭ 22-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ دوختۇرخانا دۆلەت ئىچىدىكى بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن «ئائىلە داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش» APPسىنى كىرگۈزگەن، ياشانغانلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بارلار ياكى دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشى قىيىن كىشىلەر بۇ سۇپا ئارقىلىق، پەرۋىش قىلىش مۇلازىمىتىنى تاللاپ، سېسترانىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ مۇلازىمەت قىلىشىنى ئالدىن كېلىشەلەيدىكەن.

  بۇ يىل 2-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى «"ئالاقە تورى + پەرۋىش مۇلازىمىتى"نى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدا «ئالاقە تورى + پەرۋىش مۇلازىمىتى» نى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇشنى بېكىتىپ، «سېسترا بىلەن توردا كېلىشىش» كۆپ مەنبەلىك پەرۋىش قىلىش مۇلازىمەت ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدەندى ھەمدە ھەر قايسى ئالاقىدار ئورۇنلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى باشلامچىلىق بىلەن بۇ مۇلازىمەتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى «سېسترا بىلەن توردا كېلىشىش»نى يولغا قويغان تۇنجى دوختۇرخانا بولۇپ قالدى، نۆۋەتتە نۇقتىدا سىناق قىلىش باسقۇچىدا بولۇپ، تۆت قېتىم ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشنى تاماملىدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى بەخت يولىدا ئولتۇرۇشلۇق لى شېڭفۇ (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىمى) بۇ يىل 77 ياش، مېڭە تىقىلمىسىگە گىرىپتار بولۇپ، يېرىم پالەچ بولۇپ قالغىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان ئىدى، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان ئۇزاق مۇددەت ئاشقازان نەيچىسى سېلىشقا توغرا كەلدى، لېكىن پەرزەنتلىرى يېنىدا ئەمەس ياكى خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولغاچقا، ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاشقازان نەيچىسى ئالماشتۇرۇشتا دائىم قوشنىلىرىنىڭ ياردەم قىلىشىغا مۇھتاج بولدى. ئالدىنقى مەزگىلدە، ئۇنىڭ قىزى «سېسترا بىلەن توردا كېلىشىش»نى بىلگەندىن كېيىن، يان تېلېفوندا كېلىشىپ، سېسترانى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ مۇلازىمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

  «ھازىر سېسترا ئىشىك ئالدىغا كېلىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان بولدى، بۇ بەك قولايلىقكەن، ئەمدى قوشنىلارنى ئۇنى كۆتۈرۈپ پەسكە ئېلىپ چۈشۈشكە ياردەمگە چاقىرمىساقمۇ بولىدىغان بولدى.» دېدى لى شېڭفۇنىڭ خوتۇنى. مۇخبىر «سېسترا بىلەن توردا كېلىشىش» APPسىنى ئېچىپ، تۇرۇشلۇق شەھەرنى تاللىغاندىن كېيىن، «سېسترا ئىشىك ئالدىغا بېرىش» ۋە «سېسترا كېسەل كۆرسىتىشكە ھەمراھ بولۇش»تىن ئىبارەت ئىككى مۇلازىمەتنى، كونكرېت پەرۋىش قىلىش مەزمۇنىنىڭ ئوكۇل سېلىش، قان ئېلىش، تۇمانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئاساسلىق پەرۋىشلەرنى، ئاشقازان نەيچىسى، سۈيدۈك نەيچىسى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەخسۇس پەرۋىشلەرنى، بالىلارنى ئۇۋىلاش قاتارلىق ئانا-بوۋاقلار پەرۋىشلىرىنى ھەمدە سەكتە، يۈرەك قان تومۇر بىمارلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق پەرۋىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆردى.

  «سېسترا ئىشىك ئالدىغا بېرىش»نى تاللىغاندىن كېيىن، كونكرېت پەرۋىش قىلىش تۈرلىرى ھەم مۇناسىپ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى كۆرگىلى، ئېھتىياجلىق بولغان كونكرېت پەرۋىش قىلىش تۈرلىرىنى تاللاپ ئالدىن كېلىشكىلى بولىدۇ.

  دوختۇرخانا پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ليۇ خۇي مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: «سېسترا بىلەن توردا كېلىشىش» ئاساسلىقى ئىقتىدارىنى يوقاتقان، يېشى چوڭ، يالغۇز ياشانغانلار توپىغا قارىتىلغان. «ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان سېسترالارنىڭ ھەممىسىنىڭ «سېسترالىق كەسپىي گۇۋاھنامىسى»، «سېسترالىق تېخنىكا سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى» بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە 5 يىللىق پەرۋىش قىلىش خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە، ناچار خاتىرىسى يوق سېسترالار.» ليۇ خۇي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش تۈرلىرى ئاساسلىقى ئېھتىياج مىقدارى كۆپ، داۋالاش خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن، ئاسان مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان مەزمۇنلارغا قارىتىلغان.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى ۋاڭ گاڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: «سېسترالار بىلەن توردا كېلىشىش» نىڭ ماھىيىتى «ئالاقە تورى + پەرۋىش مۇلازىمىتى» بولۇپ، ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىلىرىغا تايىنىپ، «توردا ئىلتىماس قىلىش، تور سىرتىدا مۇلازىمەت قىلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، سېسترالار ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق ساغلاملىق ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

  «سېسترالار بىلەن توردا كېلىشىش» بويىچە ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى