تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏

  ئاق قاش ئۆردەك

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر راۋ جۈنخۇا): «قارلىغاچ ئائىلىسى، ئۆردەك ئائىلىسىدىكى قۇشلارنى كۆزىتىپلا قالماي، يەنە ئاز ئۇچرايدىغان كۆك پاچاق قىليورغىنىڭمۇ سۈرىتىنى تارتىۋالدىم.» دېدى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ قۇشلارنى تاماشا قىلىش جەمئىيىتىدىكى ياڭ فېيفېي ئاپپاراتىدىكى ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە قۇشلارنى تاماشا قىلغاندىكى «ھوسۇل»ىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

  بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ياڭ فېيفېي بىر نەچچە قۇش ھەۋەسكارى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن - دۇڭسەن رايونى ۋولۇڭگاڭ كەنتىگە كېلىپ قۇشلارنى تاماشا قىلدى. ئۇلار ئالدى بىلەن بىر بېلىق كۆلچىكىنىڭ يېنىدا قارلىغاچ ئائىلىسى، ئۆردەك ئائىلىسىگە تەۋە نۇرغۇن قۇشنى سۈرەتكە تارتتى، ئاندىن داۋاملىق مېڭىپ، كەڭ كەتكەن سۇ رايونىدا يەنە قىزىل تۇمشۇق چايكا، ياي تۇمشۇق قىليورغا، ئاق قاش ئۆردەك ۋە قىزىل پاچاق قىليورغىنى بايقىدى. دۇربۇن بىلەن يىراققا قارىغاندا، يەنە توپ - توپ قۇشلارنىڭ سۇ رايونى ئۈستىدە پەرۋاز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، ئاز دېگەندە 50 خىلدىن ئارتۇق قۇش تۈرى بار ئىدى.

  ياڭ فېيفېي سۈرەتكە تارتىش كۇنۇپكىسىنى ئۇدا بېسىۋاتقان پەيتتە، بىر قۇش تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ۋە يېنىدىكى شىنجاڭ قۇشلارنى تاماشا قىلىش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى چىن يۈنفېڭنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  ئۇ قۇشنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 35 ~ 30 سانتىمېتىر، دۈمبىسى ئالىچىپار قارامتۇل كۈل رەڭدە، كۆكرەك ئالدى ۋە قورساق قىسمىدىكى پەيلىرىنىڭ قىرى ئاق رەڭدە، تۇمشۇقى ئىنچىكە ئۇزۇن، كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. ئۇلارنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى بولسا، بۇ قۇشنىڭ ئىككى پۇتى ئىنچىكە ئۇزۇن، كۆك رەڭدە بولۇپ، باشقا قىليورغا بىلەن روشەن پەرقى بار ئىدى.

  «كۆك پاچاق قىليورغا؟» ياڭ فېيفېي سۈرەتكە تارتقاندىن كېيىن، بىر نەچچەيلەن ئەستايىدىل پەرقلەندۈرۈش ئارقىلىق، بۇنىڭ كۆك پاچاق قىليورغا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

  چىن يۈنفېڭ تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىل قۇشلارنى سۈرەتكە تارتقانلىقىنى، كۆك پاچاق قىليورغىنى كۆرمىگىلىمۇ بىر نەچچە يىل بولغانلىقىنى ئېيتتى. كۆك پاچاق قىليورغا بىلەن قىزىل پاچاق قىليورغا ئوخشاشمايدۇ، كۆك پاچاق قىليورغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا جايلاشقان بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭدا تۈر توپى نىسبەتەن ئاز، شۇڭا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ، قىزىل پاچاق قىليورغىنىڭ تۈرى بىر قەدەر كۆپ، بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

  «ھازىرچە كۆك پاچاق قىليورغىنىڭ توپلىشىپ پەيدا بولغانلىقى بايقالمىدى، ئۇلارنىڭ مۇشۇ يەردە ماكانلىشىپ كۆپىيىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولمايدۇ» دېدى چىن يۈنفېڭ، ئەمما شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، سۇ رايونىدا نۇرغۇن بېلىق، راك ۋە سۇ ھاشاراتلىرى قاتارلىق ئوزۇقلۇق بولغاچقا، شۇنچە كۆپ سۇ قۇشلىرىنى جەلپ قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىن ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قۇشلارنى سۆيۈش، قۇشلارنى قوغداش ئېڭى ئۆسۈپ، قانۇنسىز قۇش تۇتۇش ۋە قۇشلارنى چۆچۈتۈش قىلمىشلىرى يۈز بەرمىگەنلىكتىن، بۇ سۇ رايونى قۇشلارنىڭ ماكانلىشىدىغان شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كۆك پاچاق قىليورغا قىليورغا ئائىلىسىگە تەۋە قۇش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 35 - 30 سانتىمېتىرغىچە، قانىتىنىڭ يېيىلغاندىكى ئۇزۇنلۇقى 60 - 53 سانتىمېتىرغىچە، بەدەن ئېغىرلىقى 270 - 140 گىرامغىچە بولۇپ، تەخمىنەن 12 يىل ياشىيالايدىكەن.

  كۆك پاچاق قىليورغا كۆپىنچە كۆل، دەريا، كۆلچەك ۋە سازلىقلاردا ياشايدۇ، راك، كىچىك بېلىق، سۇ ھاشاراتلىرىنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ. دائىم ئايرىم ياكى جۈپلىشىپ تېيىز سۇدا ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ.

ياي تۇمشۇق قىليورغا

  كۆك پاچاق قىليورغا (شىنجاڭ قۇشلارنى تاماشا قىلىش جەمئىيىتىدىن ياڭ فېيفېي تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش