تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئاتا-ئانىسى كۆپ گەپ قىلىپ بېرىدىغان بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولىدىكەن

  ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، يېنىدا «كوت-كوت» بىرى بولسا، بوۋاقلار ۋە گۆدەكلەرنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى ۋە بىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

  ئەنگلىيە يورك داشۆسى مائارىپ شىسىنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىككى ياشتىن تۆت ياشقىچە بولغان 107 نەپەر ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىغا قارىتا تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارغا مىكرو ئۈنئالغۇ تاقاپ، ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ بالىلار بىلەن تىل ئالماشتۇرۇش ئەھۋالىنى ھەر كۈنى 16 سائەتتىن، ئۇدا ئۈچ كۈن ئۈنگە ئالغان. بۇ جەرياندا، تەتقىقاتچىلار رەسىم سىزىش قاتارلىق ئاتا-بالا پائالىيەتلىرى ئارقىلىق بالىلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى كۆزەتكەن. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ئۆيدىكى چوڭلار بىلەن بولغان تىل ئالاقە تەكرارلىقى قانچە كۆپ بولسا، بالىلارنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى شۇنچە يۇقىرى، لوگىكىلىق تەھلىل، ھېساب ۋە شەكىل تونۇش قاتارلىق غەيرىي تىل ئىقتىدارىمۇ نىسبەتەن كۈچلۈك بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، قۇرامىغا يەتكەنلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئاڭلىغان تىل سۆزلۈكلىرى قانچە مول بولسا، بالىلارنىڭ سۆزلۈك مىقدارىنى ئىگىلەش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولغان.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئاتا-بالىلىق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەھۋالىدا پەرق چوڭ، بالىلار بىلەن تىل ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئەڭ كۆپ بولغان «كوت-كوت» ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆزلەش مىقدارى ھەتتا ئوتتۇرىچە سەۋىيەنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە يېتىدۇ. بوۋاقلار ۋە گۆدەكلەرنىڭ تىل مۇھىتى بىلەن شەخسنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىش ئارقىلىق، تىلنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋاقىتنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمىزدىن خېلىلا بالدۇر بولىدىغانلىقىنى بايقاش تەس ئەمەس. ئۇنىڭدىن سىرت، ئاتا-ئانىلار ئۆز-ئۆزىنى تولۇق ئىپادىلىشى ھەمدە بالىلارنىڭ ھەرىكىتىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇشىمۇ بالىلاردىكى تەشۋىشلىنىش تۇيغۇسى، ھۇجۇم قىلىش ۋە يۈز ئۆرۈش ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى