تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سەيلىگاھ

شىزاڭ ماڭكاڭ: لەنساڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى مىڭ يىللىق قەدىمىي تۇز كاندۇكلىرى

بۇ شىزاڭ ماڭكاڭ ناھىيەسى ناشى مىللىي يېزىسىدىكى قەدىمىي تۇز كاندۇكلىرى مەنزىرىسى (5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى. شىزاڭ چاڭدۇدىكى ماڭكاڭ ناھىيەسىنىڭ لەنساڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى قەدىمىي تۇز كاندۇكلىرىدا، ھازىرغىچە ئەڭ ئىپتىدائىي قول بىلەن تۇز قۇرۇتۇش ئۇسۇلىنى ساقلاپ كەلمەكتە. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا بۇ جايدا تۇز قۇرۇتۇش باشلانغان. تۇز كاندۇكلىرى لەنساڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا تاغ بويلاپ ياسالغان بولۇپ، نۇرغۇن ياغاچ تۈۋرۈكتىن جازا ياسالغان، جازا ئۈستىگە سۇ ئۆتكۈزۈشچانلىقى كۈچلۈك توپا يېيىتىلىپ تەكشىلىكتە چىڭدالغان، يەرلىك ئاھالىلەر لەنساڭجياڭ دەرياسى بويىدىكى تۇز قۇدۇقى، تۇز كۆلچىكىدىن تۇز سۈيىنى ئېلىپ تۇز كاندۇكلىرىغا تۆكۈپ، قۇياش نۇرى ئارقىلىق پارلاندۇرۇپ، شامالدا قۇرۇتۇپ، كىرىستاللاشتۇرۇپ تۇز ھاسىل قىلغان. يىراقتىن قارىغاندا، تۇز كاندۇكلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، كاندۇكلاردىكى تۇزلۇق سۇ خۇددى ئەينەكتەك گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شىن فوتوسى)

5-ئاينىڭ 22-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى تاغقا قاراپ سېلىنغان قەدىمىي تۇز كاندۇكلىرىدا ئەمگەك قىلماقتا.

5-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىزاڭ ناشى مىللىي يېزىسى جادا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لاسو تۇز كاندۇكىدا تۇز يىغماقتا.

5-ئاينىڭ 22-كۈنى شىزاڭ ناشى مىللىي يېزىسى گادا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى چۈسو سېتىلىدىغان تۇز تۈرىدىكى تاۋارلارنى كۆرسەتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى