نۇرغۇن كىشىلەر، پۇراش سېزىمىنىڭ ئۆتكۈر بولۇش بولماسلىقى ھېچقانچە چوڭ مەسىلە ئەمەس دەپ قارايدۇ، لېكىن ئامېرىكا مىچىگان شىتاتى داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پۇراش سېزىمىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى بەلكىم سىزنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار 13 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، 71 ياشتىن 82 ياشقىچە بولغان 2289 ساغلام كىشى ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان. تەتقىقاتچىلار ئالدى بىلەن تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارغا 12 خىل دائىم ئۇچرايدىغان پۇراقنى پەرقلەندۈرگۈزگەن ۋە ئۇلارنىڭ پەرقلەندۈرگەن پۇراق سانىغا ئاساسەن 0دىن 12گىچە نومۇر قويغان. نەتىجىدە، كېيىنكى تەتقىقات مەزگىلىدە، جىنسى، ئېرقى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق ئامىللارنى چىقىرىۋەتكەندە، پۇراش سېزىمىنى ئۆلچىگەندە نەتىجىسى يۇقىرىراق بولغان ياشانغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، «بۇرنى ئۆتكۈر ئەمەسلەر»نىڭ 10 يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى % 46تىن يۇقىرى بولغان؛ 10 يىلدىن كىيىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %62تىن يۇقىرى بولغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشچە، پۇراش سېزىمى ئاجىزلاش سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولۇپ، بۇ تەن ۋە روھنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، پۇراش سېزىمى ناچار كىشىلەر ئاسانلا نېرۋا ئاجىزلاش كېسىلى (ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى، پاركىنسون كېسىلى) ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: گەرچە «بۇرۇن ئۆتكۈر بولماسلىق» بىۋاسىتە ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، ئەمما ئۇزاق مۇددەتلىك پۇراش سېزىمى ئاجىزلاش ئەھۋالى كۆرۈلسە، چوقۇم ھوشيار بولۇش ۋە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياشانغانلارنىڭ پۇراش سېزىمىنى باھالاشنى ئادەتتىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش تۈرىگە كىرگۈزۈشمۇ ياخشى چارە.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى