تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سېمىزلىك تەڭگە تەمرەتكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ

  نورۋېگىيە پەن-تېخنىكا داشۆسى تېرە كېسەللىكلىرى ئىلمى تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ تېخىمۇ ئاسان تەڭگە تەمرەتكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىنلىقىنى بايقىدى.

  تەتقىقات ئۆمىكى نورۋېگىيەنىڭ شىمالىي تىروسدېلاگدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش ماتېرىيالى ۋە ئەنگلىيە جانلىقلار بانكىسىنىڭ ماتېرىيالىنى تاللاپ تەكشۈرگەن، بۇ، 750 مىڭ ئادەمنىڭ ساغلاملىق سانلىق مەلۇماتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەتقىقاتچىلار «مېندېلىئان تاسادىپىيلاشتۇرۇش» ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى بىلەن تەڭگە تەمرەتكە ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى كۆزەتكەن، بۇ ئۇسۇلنىڭ پايدىسى بولسا، تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە ئىسپاتلىنىشىچە، سېمىزلىك تەڭگە تەمرەتكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر كېسەللىك سەۋەبى ئىكەن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 28 دىن يۇقىرى بولۇپ، ھەربىر  بىرلىك ئاشقاندا، كېسەل بولۇش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۆرلەش ئېھتىماللىقى %9 كە يېتىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياغ توقۇلمىسى ھورمۇن ۋە ياللۇغلىنىش سىگنال مولېكۇلىسىنى ھاسىل قىلىدىغان ئەزا بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە تېرە ياللۇغىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەڭگە تەمرەتكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. ھازىرغىچە، ئېغىرلىق چۈشۈرۈشنىڭ تەڭگە تەمرەتكە كېسىلىنى ساقايتىشقا ياردەم بېرەلەيدىغان-بېرەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا تېخى يەكۈن چىقىرىلمىغان، ئەمما بەزى كىلىنىكىلىق كېسەللىكلەر بۇ خىل ئېھتىماللىقنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى