5-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، سەھەر تۇرغان شەھەر ئاھالىسى چېنىقماقتا.
مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې خەۋىرى: بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ ياكى ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، قىسمەن رايونلاردا يەنىلا يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلىمەيدۇ.
ئالتاي شەھىرىدە سىم-سىم يامغۇر، كېيىن ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، كۇيتۈن شەھىرىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭ بويىچە ئەڭ سوغۇق بولىدىغىنى ئالتاي شەھىرى بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئاران ℃5 بولىدۇ، ئەڭ ئىسسىق بولىدىغىنى غۇلجا شەھىرى بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃26 بولىدۇ. شەرقىي شىنجاڭ بويىچە قومۇل شەھىرىنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃28 بولىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ شەھىرى، خوتەن شەھىرىدە يەنىلا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئېچىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃18، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃8 بولىدۇ.