تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياشانغانلارنىڭ بېشىنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ يۇيۇش مۇۋاپىق ئەمەس

  سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى 40 سېلىتسىيە ئەتراپىدا تەڭشەپ، پۈتۈنلەي قۇرۇتقاندىن كېيىن ئۇخلاش كېرەك

  گۈزەللىك «باشتىن باشلىنىدۇ»، ياشانغانلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ياشانغانلار چېچىنى ئاسراپ ھۆسىن تۈزەشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك ؟

  ياشانغانلارنىڭ بېشىنى يۇيغاندا، ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ يۇيۇش مۇۋاپىق ئەمەس. ياشانغانلارنىڭ بېشىنى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ يۇيغاندا، باش تەرىپىدىكى ئۇمۇرتقا ئارتېرىيەسىگە بېسىم چۈشۈپ، مېڭىنى قان بىلەن تەمىنلەشكە تەسىر يېتىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن باش قېيىپ، مېڭىگە ئوكسېگىن يېتىشمەيدىكەن، ھەتتا سەكتىمۇ بولۇپ قالىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار ياشانغانلارنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ يۇيۇشىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس بولۇپ، ئۆرە تۇرۇپ يۇيۇنغاندەك ھالەتتە تۇرۇپ باشنى يۇيۇش ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن. يەنە سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن، سۇ بەك سوغۇق بولسا نېرۋا سىزىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، باش ئاغرىش، باش قېيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن؛ سۇ بەك قىزىق بولۇپ كەتسە باش تېرىسى ۋە چاچنى زەخمىلەندۈرىدىكەن. ياشانغانلار بېشىنى يۇيغاندا سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40 سېلتسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇشى، ئۇنىڭدىن باشقا باشنى يۇيۇپ بولۇپ دەرھال قۇرۇتۇپ، پۈتۈنلەي قۇرۇغاندىن كېيىن ئۇخلىشى كېرەك ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۆۋەندىكى بىر قانچە مەسىلىگە دىققەت قىلىش كېرەك ئىكەن:

  چاچ بوياش ئۈچ ئاي ئىچىدە قايتىلانماسلىقى، چاچ بوياش قېتىم سانى بىر يىل ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى تۆت قېتىمدىن ئاشماسلىقى كېرەك.

  چاچ بۈدرە قىلغاندا، چاچ ئاسراشنىمۇ بىللە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

  يالغان چاچ كەيگەندە تېرە رەڭگىگە ماسلاشتۇرۇش، شۇنداقلا يالغان چاچنى 30 كۈن ئەتراپىدا بىر قېتىم يۇيۇش كېرەك.

                                                                  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى