تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چېن يەنچياڭ): 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى 2019-يىللىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ھازىر، كورلا شەھىرىدە تىزىمغا ئالدۇرغان پىدائىيدىن 62 مىڭى بولۇپ، بۇ، شەھەر بويىچە دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسنىڭ %12.09 ىنى ئىگىلەيدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2011-يىلى كورلا شەھەرلىك پىدائىيلار مۇلازىمىتى جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شەھەر بويىچە پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتى 5000 قېتىمدىن ئارتۇق قانات يايدۇرۇلۇپ، پىدائىيلارنىڭ پىدائىيلىق مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش ۋاقتى جەمئىي 1 مىليون 580 مىڭ سائەتكە يېتىپ، كىشى بېشى پىدائىيلىق مۇلازىمىتى ۋاقتى 20 سائەت بولغان، شەھەر بويىچە دائىملىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى تۈرىدىن 40تىن ئارتۇقى يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، قانۇن ياردىمى، مەدەنىيەت-سەنئەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنى قاپلىغان.