تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

6-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى BRT مەخسۇس يولىنىڭ 18 بۆلىكىدە قاتناش بېسىق بولمىغان مەزگىلدە باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شۈ خاۋ، لۈ يۈجيې): شەھەر يول بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قاتنىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالتە BRT مەخسۇس يولىنىڭ 18 بۆلىكىدە قاتناش بېسىق بولمىغان مەزگىلدە جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم يولنى ئېچىۋېتىش ھازىر نورمال يۈرۈۋاتقان بارلىق BRTنىڭ لىنىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئېچىۋېتىلگەن يول بۆلەكلىرىمۇ ئاپتوموبىل ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ يول بۆلەكلىرى ئىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قاتناش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەن جىمىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر BRTنىڭ 1-لىنىيە ۋە 4-لىنىيەسىنىڭ دوستلۇق يولى، ياڭزىجياڭ يولى قاتارلىق بۆلەكلىرىدە جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشىگە يول قويۇش سىناق قىلىندى. سىناقتىن قارىغاندا، يول توسۇلۇش ئەھۋالى مەلۇم دەرىجىدە پەسەيگەن. 

  قاتناش ساقچى تارماقلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېچىۋېتىشنىڭ يول بۆلىكى ۋە ۋاقىت بۆلىكى بار،  ھەرقانداق ۋاقىتتا يۈرسە بولمايدۇ، قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلى (9:30-10:30، 19:30-20:30)دە توققۇز كىشىلىكتىن يۇقىرى جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرى (ئاممىۋى ئاپتوبۇس، مەكتەپ ئاپتوموبىلى، ئىدارىلەرنىڭ نۆۋەتچى ئاپتوبۇسى) ھەم ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئالاھىدە ئاپتوموبىللارنىڭ BRT يولىدا يۈرۈشىگىلا رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ قاتناش بېسىق بولمىغان مەزگىلدە بارلىق جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. مەيلى قانداق ئاپتوموبىل بولسۇن، ھەممىسى چوقۇم BRT ئاپتوموبىل يولى ئىچىدە بەلگە سىزىقى، بەلگە ۋە BRT سىگنال چىرىغى بويىچە يول يۈرۈشى لازىم.

  شىمىگۇ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى خېنەن يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ۋاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: «قاتناش بېسىق بولمىغان مەزگىلدە BRT يولىنى ئىگىلەپ مېڭىش بىر ئاپتوموبىل يولى كۆپەيتكەنگە باراۋەر.» تىيانشان رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئازادلىق يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ليۇ گوجۈن مۇنداق دېدى: BRTنىڭ 3-لىنىيەسى خەلق مەيدانى ئەتراپىدىكى يول بۆلەكلىرىدە ئاپتوموبىل ئېقىمى كۆپرەك بولغاچقا، BRT يولىنى ئىگىلەپ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىش شوپۇرلارنىڭ يول يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىدۇ.

  قاتناش ساقچى تارماقلىرى مۇنداق بىلدۈردى:  ئالتە BRT يولىنىڭ يول يۈرۈش ئۇسۇلى تەڭشەلدى، 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە تەشۋىق-تەربىيە مەزگىلى، 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ بەلگىلىمىگە خىلاپ يول يۈرگەن ئاپتوموبىللارغا جازا بېرىلىدۇ.

  ئۇلىنىش: جەمئىيەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدىغان ئالتە BRT يولىنىڭ 18 بۆلىكى

  (1) BRTنىڭ 1-لىنىيەسىدە تەڭشەلگەن يول بۆلىكى

  شىنيى يولى: بېيجىڭ جەنۇبىي يولىدىن دوستلۇق شىمالىي يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى. (رەسىملەرنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تەمىنلىگەن)

  (2) BRTنىڭ 2-لىنىيەسىدە تەڭشەلگەن يول بۆلەكلىرى

  شىنيى يولى: دوستلۇق شىمالىي يولىدىن غەربىي باجياخۇ يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

  ياشلار يولى: جيەنكاڭ يولىدىن گاۋئېرفۇ يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

  نۇرلۇق يولى: شىنخۇا شىمالىي يولىدىن جيەنكاڭ يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

  (3) BRTنىڭ 3-لىنىيەسىدە تەڭشەلگەن يول بۆلەكلىرى

  جيەنكاڭ يولى: جۇڭشەن يولىدىن ياشلار يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

  جۇڭشەن يولى: تىنچلىق شىمالىي يولىدىن جيەنكاڭ يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

  تىنچلىق شىمالىي يولى: خەلق يولىدىن جۇڭشەن يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

  خەلق يولى: ئازاتلىق شىمالىي يولىدىن تىنچلىق شىمالىي يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

  (4) BRTنىڭ 4-لىنىيەسىدە تەڭشەلگەن يول بۆلەكلىرى

  غەربىي شىمال يولى: شىخۇڭ غەربىي يولىدىن پىڭدىڭشەن شەرقىي 1-يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

  ئالتاي يولى: پىڭدىڭشەن شەرقىي 1-يولىدىن خېنەن غەربىي يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

  (5) BRTنىڭ 6-لىنىيەسىدە تەڭشەلگەن يول بۆلەكلىرى

  نەنخۇ شىمالىي يولى: شەرقىي باجياخۇ يولىدىن خۇڭگۇاڭشەن يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

  مىدۇڭ جەنۇبىي يولى: خۇڭگۇاڭشەن يولىدىن داۋشياڭ جەنۇبىي يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

       داۋشياڭ يولى: مىدۇڭ جەنۇبىي يولىدىن فۇچيەن ئوتتۇرا يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

  فۇچيەن ئوتتۇرا يولى: داۋشياڭ ئوتتۇرا يولىدىن جۇڭيى جەنۇبىي يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

  جۇڭيى جەنۇبىي يولى: فۇچيەن ئوتتۇرا يولىدىن لۈنتەي شەرقىي يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

  (6) BRTنىڭ 7-لىنىيەسىدە تەڭشەلگەن يول بۆلەكلىرى

  نەنخۇ شىمالىي يولى: لۇڭشېڭ كوچىسىدىن كوئىنلۇن شەرقىي كوچىسىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

  شىخۇڭ غەربىي يولى: غەربىي شىمال يولىدىن شىخۇەن ئوتتۇرا يولىغىچە بولغان يول بۆلىكى.

  شىسەن يولى: شىخۇەن ئوتتۇرا يولىدىن سىداۋچاغىچە بولغان يول بۆلىكى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى