
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر چېن خۇالىن): 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، باش ياز مەزگىلىدە شىنجاڭ تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نىلقا ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تاڭبالا يايلىقىغا باھار ئەمدىلا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، تاغ ئۈستى ئاپئاق قارغا، تاغ باغرى ياپيېشىل ئوت-چۆپلەرگە تولغان ئىدى، ھەر خىل ياۋا گۈللەر، ھەر خىل مەنزىرىلەر، قار-مۇز ئارىسىدىكى ھۈپپىدە ئېچىلغان گۈللەر ھاياتلىق كۈچىنى نامايان قىلىپ، كىشىنى زوقلاندۇراتتى.






