كاۋا ئۇرۇقى مېغىزى يېگەندە ئەڭ ياخشىسى قول بىلەن ئاقلاپ يېيىش، چىش بىلەن چاقماسلىق كېرەك، ئەگەر چىش بىلەن چاققاندا، كۆپ مىقداردىكى شۆلگەي گازىر پوستىدا قالىدۇ، شۆلگەي يېمەكلىكنى نەمدەيدۇ ۋە ئېرىتىدۇ، شۇڭا كاۋا ئۇرۇقى يېگەندە چىش بىلەن ئاز چېقىش كېرەك.
كاۋا ئۇرۇقى مېغىزى تەركىبىدە چىش مىلىكى ۋە چىش ئوقۇر سۆڭىكىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئىككى چوڭ ئوزۇقلۇق ماددا بار. بىرى، كۆپ مىقداردا فوسفور بولۇپ، ھەر 100 گىرام كاۋا ئۇرۇقى مېغىزى تەركىبىدە 1159 مىللىگىرام فوسفور بار، ياشانغانلارنىڭ چىش ئوقۇرى سۆڭىكىنىڭ يىگىلىشى فوسفورنىڭ ئېقىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىككىنچىسى، كاروتىن ۋە ۋىتامىن E مول، بۇ ئىككى خىل ماددا چىش مىلىكىنى بىۋاسىتە ئوزۇقلاندۇرۇپ، چىش مىلىكى يىگىلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىستېمال قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى كاۋا ئۇرۇقى مېغىزىنى ئېزىپ تالقانلاپ، ھەر كۈنى بىر قوشۇق (تەخمىنەن 30 گىرام) يېسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
گۇاڭجوۋ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى