تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «قىشلىق ھۇجۇم»ى پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى

ھەر دەرىجىلىك كادىرلار 1 مىليون 960 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەندى     نامرات ئاممىنى 2 مىليون ئادەم قېتىم ماھارەت - تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «قىشلىق ھۇجۇم»ى پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭنىڭ 5- ئاينىڭ 22- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «قىشلىق ھۇجۇم»ىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «قىشلىق ھۇجۇم»ى مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك كادىرلار 35 مىڭ قاراردا 1 مىليون 960 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلىنىپ، نامرات ئاممىنى 19 مىڭ قاراردا 2 مىليون ئادەم قېتىم ماھارەت - تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «قىشلىق ھۇجۇم»ى پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.

  بۇلتۇر 12- ئاينىڭ 17- كۈنى ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «قىشلىق ھۇجۇم»ى سەپەرۋەرلىك - ئورۇنلاشتۇرما سىن يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  «ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش كادىرلارنىڭ ئىقتىدار ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاشتىكى كۈچلۈك تۇتقا.» ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر چېن لېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىپ چۈشىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش پىكىر يولى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئاشتى، تۈرلەرنى پىلانلاش، تۈرلەرنى تاللاش، تۈرلەرنى يولغا قويۇش، ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيدى، بىرتۇتاش پىلانلاشقا ماھىر بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، نەتىجە يارىتىشتەك خىزمەت كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، <ئىشلەشنى بىلمەسلىك، ئىشلەشنى خالىماسلىق، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلالماسلىق> قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى ئويلىشى، ئىناقلىققا تەلپۈنۈشى، تەرەققىياتنى كۆزلىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىشى ئاساسىي مېلودىيەگە ئايلاندى».

  ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش ئاساسىدا، تۈرلەرنى قۇرۇش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «قايتا قاراپ چىقىش» قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىپ، «قىشلىق ھۇجۇم»دا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىندى.

  تۈر قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇلدى. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» «بىرگە يېقىنلىشىش»تىكى كەمتۈك ئاجىز تۈرلەر دەل جايىدا بايقىلىپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى ئالغا سىلجىتىش، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى ۋە كۈچەش نۇقتىسى توغرا تېپىپ چىقىلىپ، تۈر پىلانلاش تېخىمۇ ئىلمىي بولۇپ، مۇمكىنچىلىكنى دەلىللەش تېخىمۇ تولۇق بولۇپ، يوللاش تەرتىپى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەبلەغ باشقۇرۇش تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق تېخىمۇ تولۇق قىلىنىپ، نامراتلارنى يېتەكلەش، نامراتلارنى ئازايتىش، نامراتلارغا نەپ يەتكۈزۈش يۆنىلىشچانلىقى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ تۈر تىرىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. 4- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 1896سى يولغا قويۇلۇپ ئىش باشلاندى.

  تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش چىڭ تۇتۇلدى. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قىستاش بىلەن بىللە، «قايتا قاراپ چىقىش» ئارقىلىق، خىزمەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى. ھازىرغىچە، مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان تۆت تۈردىكى 65 خىل مەسىلە تۈزىتىلدى ھەم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك 43 تۈرنىڭ 22سى ھازىر تۈزىتىلىۋاتىدۇ.

  چېن لېي مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار، ئالاھىدە نامرات ئامما ۋە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاپ، تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزىتىلگەن مەسىلىلەرنىڭ قايتىلىنىشىدىن قاتتىق ساقلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش «قىشلىق ھۇجۇم»ىنىڭ نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، بۇ يىل 606 مىڭ 100 كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا، 976 كەنتنىڭ نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىشىغا، 12 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى