تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىك ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە ئائىت ئالتە تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىك ۋە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە ئائىت ئالتە تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى. بۇ ئالتە تىپىك دېلو تۆۋەندىكىچە:

  1. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يالقۇن ئوسماننىڭ قارا، رەزىل كۈچلەر شايكىسىغا «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇش قاتارلىق مەسىلىسى. 2006- يىلى 4- ئايدىن 2013- يىلى 5- ئايغىچە، يالقۇن ئوسمان تېكەس ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان مەزگىلدە، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، يا X باشچىلىقىدىكى قارا، رەزىل كۈچلەر شايكىسىنىڭ قانۇنسىز يەر ئىگىلەپ دەرەخ كېسىش، بازار زومىگەرلىكى قىلىش، قالايمىقان ھەق ئېلىش، جەرىمانە قويۇش، سودىلىشىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، يا X تىن جەمئىي 127 مىڭ يۈەن تاپان ھەققى ئالغان؛ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئالاقىدار تارماقلارغا ئەھۋال ئېيتىپ «سەمىگە سېلىپ»، يا X نىڭ 168 مىڭ يۈەن ئىقتىسادىي جازا ۋە مۇناسىپ قانۇن جازاسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا، يالقۇن ئوسماندا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. 2019- يىلى 3- ئايدا، يالقۇن ئوسمانغا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  2. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاۋ ۋېنلېينىڭ قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنى قانات ئاستىغا ئېلىش، ئۆز مەيلىگە قويۇش، ئۇنىڭغا «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇش قاتارلىق مەسىلىسى. 2009- يىلى 1- ئايدىن 2018- يىلى 11- ئايغىچە، جاۋ ۋېنلېي خوشۇت ناھىيەسى ئۇششاقتال يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى، ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان مەزگىلدە، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ما X، ليۇ X، دۇ X قاتارلىق قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتنىڭ يەر ئاستى قىمارخانا ئېچىش، ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش، قىمار قەرزى بېرىش - سۈيلەش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلىرىنى قوغداپ، جەمئىي 361 مىڭ يۈەن قىممىتىدە پۇل - مال قوبۇل قىلىپ، بۇ رايوندىكى يەر ئاستى قىمار شايكىسىنىڭ خالىغانچە تەلۋىلىك قىلىپ، يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا، جاۋ ۋېنلېيدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. 2019- يىلى 4- ئايدا، جاۋ ۋېنلېيغا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  3. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسى لۇڭشىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات رايونى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، سابىق مۇئاۋىن دىرېكتور كادىرقان قابىلنىڭ رەزىل كۈچلەرگە چېتىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2011- يىلى 3- ئايدىن 2018- يىلى 9- ئايغىچە، كادىرقان قابىل خىزمەت ھوقۇقى ۋە جەمەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ لۇڭشىن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات رايونىدا زومىگەرلىك قىلىپ، كوللېكتىپ بېلىق كۆلچىكىنى ئۇزاق مۇددەت باشقىلارنىڭ نامىدا بازار باھاسىدىن روشەن تۆۋەن باھادا ھۆددىگە ئالغان؛ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات رايونىدىكى ئۈچ ماشىنىلاشقان قۇدۇقنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىپ، سۇ مەنبەسىنى كونترول قىلىۋالغان، ئالتە يىل ھۆددە ئېلىش ھەققى تاپشۇرمىغان ھەم كۆپ قېتىم ساختا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئەسلىدە شەخس ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك 40 مىڭ 400 يۈەن ماشىنىلاشقان قۇدۇقنى رېمونت قىلىش ھەققىنى تەرەققىيات رايونىغا ئاتچوت قىلدۇرغان؛ يىللاردىن بۇيان، جەمئىي 128 مىڭ يۈەن يەر ھۆددىگە ئېلىش ھەققىنى يامان غەرەزدە كەينىگە سۆرەپ، دۆلەت يېرى، بېلىق كۆلچىكى ئېلىش تۆلەم پۇلىدىن 117 مىڭ يۈەننى ئىگىلىۋالغان؛ ئاممىنى بوزەك قىلغان، تەڭلىكتە قويغان، ياردەم ئۆسۈملۈك يېزا ئىگىلىك قەرز پۇلى ئېلىشنى دەستەك قىلىپ، قەرز پۇل ئىلتىماس قىلغان ئاممىنى ئۆزى ئۈچۈن ھەقسىز ئەمگەك قىلىپ بېرىشكە مەجبۇرلىغان، بىر قىسىم ئامما قەرز قايتۇرۇش قەرەلىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەندە، ئاممىنى ئۆيى ۋە يېرىنى قەرزگە ھېسابلاشقا قىستىغان. 2018- يىلى 11- ئايدا، كادىرقان قابىلغا پارتىيەدىن قوغلاش، مۇئاۋىن دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  4. ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى لۇساۋگوۋ يېزىسى رېنمېن جاڭزا كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ما چۈنشېڭنىڭ قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىك قاتارلىق مەسىلىسى. 2005- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە، ما چۈنشېڭ ئۇدا تۆت نۆۋەت كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى جەريانىدا، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىنى باشقىلارغا بېرىشكە ۋەدە بېرىش، يەر ھۆددىگە ئېلىشتا ئېتىبار قىلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئاۋاز توپلاپ، پارا بېرىپ سايلىنىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان؛ كېڭىشىش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، كوللېكتىپ يېرىنى ئىجارىگە بېرىش، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە بېرىش قاتارلىق مۇھىم ئىشلارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قارار قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزە ئەزالىرى، كەنت ئاھالىلىرىنى تەھدىت سېلىپ قورقۇتقان، ئۇلاردىن زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ جەمئىي 3 مىليون 308 مىڭ 400 يۈەن تۈرلۈك مەبلىغىنى ئىگىلىۋالغان. 2019- يىلى 4- ئايدا، ما چۈنشېڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  5. ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئامانلىق باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ سابىق يېتەكچىسى نۇرمەمەت مامۇتنىڭ پارا ئېلىش، قارا، رەزىل كۈچلەرگە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇش قاتارلىق مەسىلىسى. 2014- يىلى 1- ئايدىن 2017- يىلى 7- ئايغىچە، نۇرمەمەت مامۇت بۇ ناھىيەنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چۇماق ساقچىخانىسىدا يېتەكچى بولغان مەزگىلدە، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئەھۋالىنى ئويدۇرۇپ چىقىش، سوراق خاتىرىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، نۇ X، مە X، بۇ X قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى پاكىتلىرىنى قەستەن يوشۇرۇپ، قانات ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ زەربە بېرىشىدىن قېچىشىغا ياردەم بەرگەن، 55 مىڭ يۈەن قانۇنغا خىلاپ جىنايەت تاپاۋىتىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان؛ قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ھەم ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ كۆپ قېتىم ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، «ئادەمنى چىقىرىۋېلىش»قا ياكى جازانى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىپ، جەمئىي 318 مىڭ يۈەن پارا ئالغان. بۇنىڭدىن باشقا، نۇرمەمەت مامۇتتا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان. 2018- يىلى 4- ئايدا، نۇرمەمەت مامۇتقا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  6. تۇرپان شەھىرى پىچان ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تاھىر مەمەتنىڭ قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىك قاتارلىق مەسىلىسى. 2004- يىلى 4- ئايدىن 2011- يىلى 6- ئايغىچە، تاھىر مەمەت بۇ ناھىيە تۇيۇق يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، تۇيۇق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئىنىسى كا X باشچىلىقىدىكى قارا، رەزىل كۈچلەر شايكىسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكىتىنى قانات ئاستىغا ئالغان، ئۇنىڭغا يول قويغان؛ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 206 مو كەنت كوللېكتىپ يېرىنى تۆۋەن باھادا كا Xقا سېتىپ بەرگەن، 498 مىڭ يۈەن سۇ بايلىقى ھەققىنى ئاز تاپشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان؛ تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكى بىلەن يەر تۆلىمىنى ماسلاشتۇرۇش جەريانىدا، كەنت ئاھالىلىرىنى نېفىتلىكنىڭ قۇرۇلۇش قىلىشىغا قانۇنغا خىلاپ توسقۇنلۇق قىلىشقا كۆپ قېتىم تەشكىللەپ، كۈشكۈرتۈپ، نېفىتلىك بىلەن يەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرانى بىر تەرەپ قىلىۋاتقان ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى خەلق ساقچىلىرى بىلەن جېدەللەشكەن، 578 مىڭ يۈەن نېفىت تولۇقلىمىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان، يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋالغان؛ ئۇ ئادەم توپلاپ، ئۆزىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشىنى ئىنكاس قىلغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارنى ھاقارەتلەپ، تەھدىت سېلىپ قورقۇتۇپ، ئىنتايىن يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان. 2018- يىلى 4- ئايدا، تاھىر مەمەتكە پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىق مەسىلىسى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  يۇقىرىدىكى ئالتە تىپىك دېلو ئالتە پارتىيەلىك كادىر ۋە ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت خادىمىغا چېتىشلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، قارا، رەزىل كۈچلەر شايكىسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوغداپ، بىرقەدەر چوڭ پايدا ئالغان «ئەمەلدار مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بار، قارا، رەزىل كۈچلەر شايكىسىنىڭ ھەرىكىتىنى قانات ئاستىغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا يول قويغان، ھەتتا پۇل قوبۇل قىلىپ دېلونى يوق قىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەر شايكىسىنىڭ زەربىدىن قېچىشىغا ياردەم بەرگەن «ساقچى مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»مۇ بار، يەنە جەمەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ كەنتتە مۇتتەھەملىك قىلىپ، پۇقرالارنى بوزەك قىلىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە قاتناشقان «كەنت زومىگىرى»مۇ بار. بۇ قىلمىشلار پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە ئېغىر دەرىجىدە زىت بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزدى، جەزمەن قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، قەتئىي جازالاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار، دۆلەت خىزمەتچىلىرى يۇقىرىدىكى دېلولاردىن ساۋاق ئېلىپ، ئىبرەت ئېلىپ، ئاڭلىق ھالدا قارا، رەزىل كۈچلەر بىلەن چەك - چېگرانى ئېنىق ئايرىپ، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشى كېرەك.

  پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق چىرىكلىك ۋە مۇھاپىزەت كۈنلۈكى مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى قىلىپ، يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق جازالاش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، زور كۈچ بىلەن «تور»نى بۇزۇپ تاشلىشى، «كۈنلۈك»كە زەربە بېرىشى كېرەك؛ «نازارەت قىلىدىغانلارنى قايتا نازارەت قىلىش» ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەم ياخشى «ئاۋانگارت» بولۇپ، ھەم ياخشى «نازارەت قىلغۇچى قوشۇن» بولۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتا كۈچلۈك بولماي، پوزىتسىيەدە پاسسىپ، تۇتۇق بولغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، قالايمىقان ئىش قىلغان، ساختا ئىش قىلغان، قارا كۈچلەر بولسىمۇ زەربە بەرمەي، رەزىل كۈچلەر بولسىمۇ يوقاتماي، دېلو بولسىمۇ تەكشۈرمەي، شەكىلۋازلىق قىلغان، بىيۇروكراتلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، جاۋابكارلىققا قاتتىق تارتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى