تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ جياڭشىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەن ھەم ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

5- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جياڭشىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)
5- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جياڭشىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ جياڭشى جىنلى تۇراقلىق ماگنىت پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)

      دۆلىتىمىز يەنىلا تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت كۈنسېرى چىگىش - مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ. بىز خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى تۈرلۈك پايدىسىز ئامىللارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ئوبدان قىلىشىمىز كېرەك. ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئاۋۋال پىلانلاپ ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىپ، تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز كېرەك.

   ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، بىرىنچى، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئىككىنچى، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، ئۈچىنچى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك، تۆتىنچى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىش كېرەك، بەشىنچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك، ئالتىنچى، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، يەتتىنچى، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، سەككىزىنچى، سىياسەت - تەدبىرلەر ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

   جىڭگاڭشەن روھى ۋە سوۋېت رايونى روھىغا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى يۈكلەنگەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ ئىنقىلابىي روھى تاۋلانغان. بۇ ئۇلۇغ ئىنقىلابىي روھلار زامان - ماكاندىن ھالقىغان بولۇپ، مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ، بىزنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان پۈتمەس - تۈگىمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 5- ئاينىڭ 22- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە جياڭشىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە سىڭىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  باش ياز مەزگىلىدە، گەنجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى بۈك - باراقسان ۋە ياپيېشىل بولۇپ، گۈللەپ ياشنىغانىدى. 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، شى جىنپىڭ جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ چى، ئۆلكە باشلىقى يى ليەنخۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، گەنجوۋ شەھىرىدىكى كارخانا، يېزا، ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات بويىچە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نەق مەيداندا كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  5- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ گەنجوۋغا يېتىپ كەلدى، ئالدى بىلەن جياڭشى جىنلى تۇراقلىق ماگنىت پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. كارخانا كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ۋە گەنجوۋ سىرەك يەر كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ سىرەك يەر بايلىقىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، ئېچىش تېخنىكىسى، ئەمەلىي قوللىنىلىش ئەھۋالى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشتا قوللىنىلىدىغان مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، شى جىنپىڭ ئورالمىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش، ئۆلچەش لىنىيەسى، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئېرىتىپ ئۇلاش ئوچىقى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزەتتى، نەق مەيداندىكى ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ پەن تەتقىقات سېلىنمىسىنى زورايتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىنىڭ جان تومۇرى. مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە يادرولۇق تېخنىكىغا ئىگە بولغاندىلا، يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغىلى، كەسكىن رىقابەتتە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرغىلى بولىدۇ. تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىنى ئىگىلەپ، كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش ئېگىزلىكىنى ئالدىن ئىگىلەش كېرەك. سىرەك يەر مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بايلىق، شۇنداقلا قايتا ھاسىل بولمايدىغان بايلىق. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئېچىش، پايدىلىنىش تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، تۈر مۇھىتىنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يۈدۇ مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە يىغىلىپ يولغا چىققان جاي. 1934- يىلى 10- ئايدا، مەركەز ئورگىنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئاساسىي كۈچلىرى بۇ يەردە يىغىلىپ يولغا چىقىپ، ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان. 5- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ پويىزغا ئالمىشىپ يۈدۇ ناھىيەسىگە كېلىپ، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە يولغا چىققان جاينىڭ كونا ئورنى بولغان يۈدۇ ناھىيەسىنىڭ چېڭدۇڭمېن كېچىكىنى كۆزدىن كەچۈردى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. خاتىرە مۇنارى ئالدىدا، شى جىنپىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى ھەم ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى. ئۇ ئاستا قەدەم بىلەن خاتىرە مۇنارىنى ئايلىنىپ، سۇپىدىكى قاپارتما نەقىشنى ئىنچىكە كۆزەتتى، ئەينى يىللاردا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ سوۋېت رايونىدا قانلىق جەڭ قىلغان قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلىدى. خاتىرە سارىيىدا، شى جىنپىڭ مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە يىغىلىپ يولغا چىقىش تارىخىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، سۈرەتلەر، ماددىي بۇيۇملارنىڭ ئالدىدا توختاپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن پات - پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەينى يىللاردىكى تارىخنى ئەسلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بىز جەزمەن قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانداق قۇرۇپ چىقىلغانلىقىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىزنىڭ پارتىيەمىز ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. غايە - ئېتىقاد ئوتى تۇتاشتۇرۇلدى، مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. مەركىزىي سوۋېت رايونى ۋە ئۇزۇن سەپەر مۇساپىسىدە، پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيە قەتئىي غايە - ئېتىقاد ۋە مۇستەھكەم ئىنقىلابىي ئىرادىگە تايىنىپ، ھەر قېتىم ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغاندا قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپ، قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانسېرى شۇنچە باتۇر بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى. بىز پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئىنقىلابىي غايە ۋە ئىنقىلابىي ئاساسىي مەقسەتنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئىنقىلاب بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت نىشاننى كۆزلەپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. بۈگۈن، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، بىز دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن تۈرلۈك مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، يەنىلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قەتئىي غايە - ئېتىقادى ۋە مۇستەھكەم ئىنقىلابىي ئىرادىسىگە تايىنىشىمىز كېرەك.

  خاتىرە سارىيىنىڭ 1- قەۋىتىدە، شى جىنپىڭ يۈدۇ ناھىيەسىدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەۋلادلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا، جياڭشى خەلقى ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن غايەت زور قۇربان بەردى، غايەت زور تۆھپە قوشتى. ھازىر دۆلەت تەرەققىي قىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، بىز سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى يۇرتداشلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت جۇڭگو ئىنقىلابى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، پېشقەدەم يولداشلار ھەمدە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەۋلادلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ ساغلام، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلىدى.

  خاتىرە سارىيىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا، قىزغىن ئامما خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كېلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا «باش شۇجى ياخشىمۇسىز!» «باش شۇجى جاپا چەكتىڭىز!» دەپ توۋلىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: ھازىر بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىش يولىدا مېڭىۋاتىمىز، بىز ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، قايتا يولغا چىقىشىمىز كېرەك!

  يۈدۇ ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى ۋە كىلىمات ئالاھىدىلىكى كۆكتات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدۇ. شى جىنپىڭ زىشەن فۇشى كۆكتات كەسىپلەر باغچە رايونىغا كېلىپ، كۆكتات پارنىكىغا كىرىپ، يۈدۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكتات كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئەمگەك قىلىۋاتقان يۇرتداشلار باش شۇجىغا كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ «باشلامچى كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانلار ئائىلىسى ۋە نامرات ئائىلە» تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمىنىڭ 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئاشقانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ ئاپىرىن ئېيتتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئويلايدىغىنى تۈرلۈك چارە - ئاماللار ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ زىشەن بازىرىنىڭ تەنتوۋ كەنتىگە كېلىپ، كەنت قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانىنىڭ ئەۋلادى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي سۈن گۇەنفا باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئائىلىسىدىكى چوڭ - كىچىكلەرنى باشلاپ كېلىپ باش شۇجىنى ئۆيىگە مېھمان بولۇشقا قىزغىن تەكلىپ قىلدى. سۈن گۇەنفانىڭ ئۆيىدە، شى جىنپىڭ ئاشخانا، ياتاق، ئارقا ھويلا ۋە ھاجەتخانىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرالغۇ ۋە تازىلىق ئەھۋالىنىڭ ياخشىلانغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ سۈن گۇەنفا بىر ئائىلە كىشىلىرى ۋە شۇ جايدىكى بازار، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىللە چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى، غەمخورلۇق قىلغان ھالدا ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنىڭ قانداقلىقىنى، ئوغلى، كېلىنىنىڭ قەيەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى، بالىسىنىڭ قەيەردە ئوقۇيدىغانلىقىنى، بالىسىنىڭ مەكتەپتە يەيدىغان تامىقىنىڭ ياخشى - ياخشى ئەمەسلىكىنى، ئائىلىسىدە يەنە قانداق قىيىنچىلىق بارلىقىنى، قانداق ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى سورىدى. كۆپچىلىك باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا، پۈتۈن كەنتتىكى 109 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى كۆكتات كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاتناشتى، كەنتتە يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇلدى، يۇرتداشلار ھەم سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلالايدىغان، ھەم ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولدى، ھەم يەر ئوبوروتى كىرىمى بار، ھەم ئىشلەمچىلىك كىرىمى بار، نامرات ئائىلىلەرنىڭ يەنە پايدا تەقسىملەشتىن قىلىدىغان كىرىمى بار، 95 نامرات ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. شى جىنپىڭ ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن بۇ قېتىم جياڭشىغا سوۋېت رايونىدىكى يۇرتداشلارنى يوقلاپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغان - ياخشىلانمىغانلىقى، كونا رايونلارنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى قەرەلىدە چۆرۈپ تاشلىيالايدىغان - تاشلىيالمايدىغانلىقىنى كۆرگىلى كەلدىم. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» گەۋدىلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، كونا رايونلاردىكى خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك. شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۆزئارا تۈرتكە بولىدۇ. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزىلارنى ياخشى قۇرۇش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ مەنىۋى قىياپىتى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، ئىجتىمائىي كەيپىياتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈپ، يۇرتداشلارنى كىشى ھەۋەس قىلغۇدەك سەھرا تۇرمۇشىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا يۇرتداشلار كەنت ئېغىزىغا يىغىلىپ، بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، بەزى كەنت ئاھالىلىرى ھاياجانلانغان ھالدا ياش تۆكتى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى بەختلىك، خۇشال ئۆتۈشىنى تىلىدى.

  5- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ نەنچاڭدا ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىدا سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو خۇينىڭ، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىنبىن، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ چى، خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭ، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جياڭ چاۋلياڭ، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇ جياخاۋ ۋە دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر. ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش ۋەزىيىتى كۈچلۈك، ئوتتۇرا قىسىم رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنىڭ يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز يەنىلا تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت كۈنسېرى چىگىش - مۇرەككەپ بولۇۋاتىدۇ. بىز خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى تۈرلۈك پايدىسىز ئامىللارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ئوبدان قىلىشىمىز كېرەك. ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئاۋۋال پىلانلاپ ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىپ، تەييارلىقنى پۇختا قىلىپ، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا سەككىز نۇقتىلىق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپلەر ئىنقىلابىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە قوللىنىلىشىنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىق تەرەققىيات سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قوللاش سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە يادرولۇق تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى تېزلىتىپ، ئىجادىي تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ كۆپ ئىلھام بېرىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەۋىيەگە توغرىلىنىپ، مۇقىم، ئادىل، ئاشكارا تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىپ، شەرقىي قىسىم دېڭىز بويى رايونلىرى ۋە خەلقئارادىكى ئالاقىدار رايونلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم ئىلغار ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنى جەلپ قىلىش كېرەك. بەشىنچى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە جابدۇقلارنى دۇنيا چوڭ سەھنىسىگە، خەلقئارا چوڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، داڭلىق ماركا ۋە تېخنىكىنىڭ داڭقىنى چىقىرىش كېرەك. ئالتىنچى، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت قۇرۇلۇشى ۋە تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بايلىقتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېشىل تەرەققىي قىلغان گۈزەل ئوتتۇرا قىسىم رايونى قۇرۇش كېرەك. يەتتىنچى، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى يارىتىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. سەككىزىنچى، سىياسەت - تەدبىرلەر ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پات ئارىدا «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، نەتىجە - ئۈنۈم يارىتىشى كېرەك. بۇ يىل ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار بۇنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەڭ كادىرلارنى تېخىمۇ زور قىزغىنلىق بىلەن ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئاتلاندۇرۇشى كېرەك.

  5- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، جياڭشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، جەنۇبىي جياڭشى مەركىزىي سوۋېت رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور ئىلگىرىلەشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، جياڭشىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە تىرىشىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا باتۇرلۇق بىلەن باشقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىشكە تىرىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جياڭشىنىڭ ئىسلاھات - تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى ياخشى سىزىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى مۇستەھكەم ئىگىلەپ، تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى - كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، قەپەسنى ئالماشتۇرۇپ قۇشنى بوشىتىش، سۇمۇرغنى ئوتتا تاۋلاپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. دىققەتنى باشلامچى كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا نەتىجىسىنى يۆتكەش، ئايلاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپلەر زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى، سىياسەت زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى چوڭقۇر دەرىجىدە يۇغۇرۇلغان يولنى تېپىپ چىقىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، تاغنى تىزگىنلەپ سۇنى باشقۇرۇش، ئۆزىنى ئۆزى نامايان قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل جۇڭگونىڭ «جياڭشى ئۈلگىسى»نى يارىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى ۋە پۇختىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، قىلغان ھەربىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتى، ئىجتىمائىي، خەلق تۇرمۇشى ساھەسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك. چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى، مىنجياڭ دېلتىسى بىلەن چېگراداش بولۇشتەك رايون ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىپ كىرىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، چوڭ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق چوڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى پۇختىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىللاشتۇرۇش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىچە شەھەر، يېزا مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتى، يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردىن باشلاپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارغا ۋاقتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى تېخنىكا - ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنىڭ ئېچىلىشىغا، تۇرمۇشىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىستېرېئولۇق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ ۋە ئۇنى جازالاپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جياڭشى قىزىل ئەسلىمىگە تولغان قىزىل تۇپراق. ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇش − پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ قەتئىي ئىرادىسى. جىڭگاڭشەن روھى ۋە سوۋېت رايونى روھىغا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى يۈكلەنگەن، ئۇنىڭدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ ئىنقىلابىي روھى تاۋلانغان. بۇ ئۇلۇغ ئىنقىلابىي روھلار زامان - ماكاندىن ھالقىغان بولۇپ، مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ، بىزنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان پۈتمەس - تۈگىمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، ئامما بىلەن بولغان ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، خەلقنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى تاماملاش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك. جىڭگاڭشەن روھى ۋە سوۋېت رايونى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىسى بولۇش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خې لىفېڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى ھەم ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.