تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

گۇاڭدۇڭدىكى يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيغا 27 دانە ساپال بۇيۇم ھەدىيە قىلدى

  مۇخبىرىمىز جاۋ مېي خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ـــــ خەلقئارا مۇزېي كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارى جاڭ دوجۈن ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيغا 27 دانە ساپال بۇيۇم ھەدىيە قىلدى. شىنجاڭدا تۇغۇلغان بۇ يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارى مۇنداق دېدى: كونا ساپال بۇيۇملارغا چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئۇچۇرى مۈجەسسەملەنگەن، مەن تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنىڭ ئۇلارنى كۆرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  گۇاڭدۇڭدىكى يىغىپ ساقلاش ھەۋەسكارى جاڭ دوجۈن (سولدا) ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېينىڭ مۇزېي باشلىقى تۇرسۇن قىزىربەگ (ئوڭدا) جاڭ دوجۈن ھەدىيە قىلغان ساپال بۇيۇملار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

  ئىگىلىنىشىچە، جاڭ ئەپەندى بۇ قېتىم ھەدىيە قىلغان 127 دانە ساپال بۇيۇم بۇلتۇر شۇ جايدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كەسپىي خادىملىرىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 18 دانە بۇيۇم جىن سۇلالىسى دەۋرىدىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلگە تەۋە ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار يېقىندا ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ساپال بۇيۇملارنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتكەندىن كېيىن، ئۇلارنى سارايغا ئەكىرىپ ساقلاشنى پىلانلىغان.

  جاڭ دوجۈننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ قەشقەر ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان، ئىلگىرى شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچى، كارخانا ئالىي باشقۇرغۇچىسى بولغان ، 1988-يىلى گۇاڭدۇڭدا ئولتۇراقلاشقاندىن ھازىرغا قەدەر شۇ يەردە خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ، ئۇ ئىزچىل پاي چەك، ئاكسىيە، تاشقى سودا بىلەن ھەپىلىشىپ كەلگەن بولۇپ، خىزمەتتىن باشقا ۋاقىتلىرىدا مۇزېي ۋە ئاسارئەتىقە، يىغىپ ساقلاش بۇيۇملىرى بازىرىنى ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ يىغىپ ساقلاشنى باشلىغان شۇ بىر قانچە يىلدا داۋاملىق ساختا بۇيۇملارنى ئېلىپ قالغاچقا، ئايالى ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا تازا ئىشەنچ قىلالمىغان. 2010-يلى 8-ئايدا، جاڭ دوجۈن بىر جۈپ قارىئۆرۈك نۇسخىلىق لوڭقىنى ئېلىپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلىنىڭ «گۆھەر ئىزدەش» پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئۇ ئېلىپ چىققان لوڭقا مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن ھەقىقىي، دەپ باھالانغاندىن كېيىن، ئايالى ئۇنى قوللىغان. بۈگۈنگە قەدەر، ئۇ مىڭ دانىگە يېقىن ساپال بۇيۇمنى يىغىپ ساقلىغان. جاڭ دوجۈن مۇنداق دەيدۇ: ھەربىر ساپال بۇيۇمنىڭ بىر ھېكايىسى بار، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى توي-تۆكۈن ئادىتى، بەزىلىرى ئىستېتىك ھەۋەس بولسا، يەنە بەزىلىرىگە يېزىقنىڭ ئۆزگىرىشى خاتىرىلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى