بىرىنچى خاتا قاراش: ئاز يېيىش ياكى يېمەسلىك «ئۆسمىنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرىدۇ»
ئۆسمە ھۈجەيرىسى نورمال ھۈجەيرە ئەمەس، بۇ غەيرىي ھۈجەيرىلەر تېز سۈرئەتتە بۆلۈنۈپ ئۆسىدۇ ھەم بەدەندىكى نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوزۇقلۇقىنى «ئوغرىلايدۇ.» «ئاچ قالدۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى» ئورگانىزمدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەندىكى نورمال ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە قوغداش رولىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئىككىنچى خاتا قاراش: قانچە ياخشى يېسە ئۆسمە شۇنچە تېز ئۆسىدۇ
ئوزۇقلۇق ۋە مېتابولىزمنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۆسمىنى داۋالاش بولماستىن، بەلكى يېمەكلىكنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ياخشىلاش ئارقىلىق، مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىپ، بەدەن ئىقتىدارىنى ساقلاپ، داۋالاش ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت.
ئۈچىنچى خاتا قاراش: مەخسۇس مەلۇم بىر خىل «ئوزۇقلۇق» يېمەكلىكنى يېيىش
ھەر خىل يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەركىبلىرى ۋە مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ، مەسىلەن، تۇخۇمدا ئاقسىل مول، خولېستېرىن بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، بېلىق، راكلاردا ئاقسىل مول، تويۇنغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى تۆۋەن، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ، كالا گۆشى تەركىبىدە تۆمۈر مول بولىدۇ، پالەك ۋە چىڭسەيدە تالا ماددىسى مول بولىدۇ، قارا ئاشلىق تەركىبىدە قەنت مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن، تالا ماددىسى مىقدارى يۇقىرى بولىدۇ... شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەر بىر خىل يېمەكلىكنىڭ ئۆزىگە خاس «ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى» بار، بىر خىل يېمەكلىكنىلا تولۇقلاش ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى