تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئاپتونوم رايونىمىز 2-تۈركۈمدە 36 كەسپىي ئورۇنغا 1121 ئادەم ئاشكارا قوبۇل قىلىدۇ

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى چۈەنجى خەۋىرى) : ئاپتونوم رايون يېقىندا 2-تۈركۈمدە جەمئىيەتتىن ئاشكارا قوبۇل قىلىنىدىغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئىش ئورنى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى، ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق 36 كەسپىي ئورۇن ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇن 1121 ئادەمنى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى.

  5-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەر خىل ئىختىساسلىقلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2019-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشىگە قۇلايلىق يارىتىشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2019-يىلى جەمئىيەتتىن ئاشكارا كەسپىي ئورۇنلارغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىش ئورنى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور بېكىتى (http://www.xjrs.gov.cn) ئىككى تۈركۈم خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىش ئورنى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىشتات ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تەستىقلىغان كەسپىي ئىشتات ۋە ئىش ئورنى. 1-تۈركۈمدىكى 34 ئورۇن 1310 ئادەم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرۇش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، 2-تۈركۈمدىكى ئىش ئورنى تىزىمغا ئالدۇرىلىۋاتىدۇ.

  ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلار خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان ئىش ئورنى، جىنسى، مىللىتى، يېشى، ئوقۇش تارىخى (ئۇنۋان)، كەسپى، نوپوس ۋە باشقا چەكلەش خاراكتېرلىك شەرتلەرنى سېلىشتۇرۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىش ئورنىنى تاللاپ ئىمتىھانغا تىزىملىتىشى كېرەك. ئىش ئورنى ئۇچۇرىدىكى ياشنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى، كەسپ تەسسىس قىلىشقا پايدىلىنىش مۇندەرىجىسى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر بولغان شەرتلەر ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى ساھەدىكى مەسئۇل تارماقلار ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئېلان قىلغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

  2-تۈركۈمدىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرى ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار جەمئىيەتتىن ئاشكارا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا، 35 ياش ۋە 35 ياشتىن تۆۋەنلەر يەنى 1984-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، قالغان ياش باسقۇچلىرى مۇشۇ تۈر بويىچە بېكىتىلىدىغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى جەمئىيەتتىن ئاشكارا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا 18 ياشقا توشقان ۋە يېشى ئۇنىڭدىن چوڭ، ئەمما 35 ياش ۋە 35 ياشتىن تۆۋەن بولغان 1984-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان، مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى