تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

خېڭدا كوماندىسى كورېيە پۇتبول كوماندىسىنى يېڭىپ ئاسىيا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى

  5-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ ئېلىپ بېرىلغان مۇشۇ مۇسابىقە پەسىللىك ئاسىيا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ F گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، خېڭدا كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 0گە قارشى 1 نەتىجىدە كورېيە داچيۇۋ FC كوماندىسىنى يېڭىپ، گۇرۇپپا بويىچە ئىككىنچى بولۇشتەك سالاھىيەت بىلەن شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى.

  مۇشۇ ئايلانمىدىن بۇرۇن، داچيۇ كوماندىسى 9 نومۇر بىلەن گۇرۇپپىدا 2-ئورۇندا، خېڭدا كوماندىسى 7 نومۇر بىلەن 3-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، خېڭدا كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغاندىلا، ئاندىن گۇرۇپپىدىن چىقالايتتى. تۇنجى ئېلىشىشتا، خېڭدا كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 3كە قارشى 1 نەتىجە بىلەن داچيۇ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان ئىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە خېڭدا كوماندىسى 352تىن ئىبارەت كۈچلۈك ھۇجۇم سەپ شەكلىنى ئىشلەتتى. ئەمما، تالىسكا، خاۋ لىن، يۈ خەنچاۋلار يارىلانغانلىقتىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى. بۇنىڭ بىلەن كوماندىنىڭ ھۇجۇم كۈچى خېلىلا ئاجىزلاپ كەتتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تەڭلەشسىلا گۇرۇپپىدىن چىقالايدىغان داچيۇ كوماندىسى مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ، قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش تاكتىكىسى ئىشلەتتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا خېڭدا كوماندىسى مەيداندا ئاكتىپ ئورۇندا تۇردى. مۇسابىقە باشلىنىپ 34 مىنۇت بولغاندا، خۇاڭ بوۋېن ئىختىيارىي توپنى ئوتتۇرىغا پاس بەردى، جاڭ لىنپېڭ يېقىن ئارىلىقتا ۋاراتاغا باش توپ ئۇردى. قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتارى توپنى توسۇۋالدى. 3 مىنۇتتىن كېيىن ۋېي شىخاۋ چەكلەنگەن رايون ئالدىدا توپنى ۋاراتاغا قارىتىپ تەپتى. توپ ۋاراتا لىمىغا سۈركۈلۈپ دېگۈدەك چىقىپ كەتتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئىككىلا كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى.

  64-مىنۇتتا، خۇاڭ بوۋېن بۇلۇڭ توپ باشلىدى، داچيۇۋ كوماندىسىنىڭ ئارقا بېكى قالايمىقانچىلىقتا توپنى ئۆزىنىڭ ۋاراتارىغا كىرگۈزدى، خېڭدا كوماندىسى 0گە قارشى 1 نەتىجىدە ئالدىغا ئۆتتى. ئارقىدىن، خېڭدا كوماندىسى داچيۇۋ كوماندىسىنىڭ كەسكىن قارشىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇشۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھالقىلىق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 10 جۇغلانما نومۇردا رىقابەتچىسىنى يېڭىپ گۇرۇپپا بويىچە ئىككىنچى بولۇشتەك نەتىجىدە شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : پولات ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى