تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

يەكەندىكى يېزا ھېكايىسى: ئابدۇسەمەت، «شياۋشىتەن خاتىرىسى»نى ئوقۇپ بېقىڭ!

  مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز بۇرابىيە، جۇاڭ مېيشەن فوتوسى: «قېنى، <شياۋشىتەن خاتىرىسى>نى ئوقۇپ بېقىڭ!» سۇڭ چىنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشىغىلا، دەرسلىك كىتابىنى ۋاراقلاۋاتقان ئابدۇسەمەت «شياۋشىتەن خاتىرىسى»نى ئوقۇشنى باشلىدى.  5-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە، يەكەن ناھىيەسى چارەك بازىرى بازار كەنتىدىكى 45 ياشلىق نۇرمەمەتنىڭ ئۆيىدە، خۇبېيلىق يىگىت سۇڭ چى نۇرمەمەتنىڭ ئوغلىغا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا، نۇرمەمەت سۇڭ چىنىڭ يۇرتدىشى رېن سەنماۋ بىلەن ئېشەك سۈتىنى سېتىش ئىشلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتاتتى.

  سۇڭ چى بىلەن رېن سەنماۋ 2016-يىلى يۇرتى خۇبېيدىن يەكەن ناھىيەسىدىكى بىر قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى زاۋۇتىغا ئىشلىگىلى كېلىپ، نۇرمەمەت بىلەن قوشنا بولۇپ قالغانىدى. 2017-يىلى يېڭى يىلدا، نۇرمەمەت سۇڭ چى بىلەن رېن سەنماۋنى ئۆيىدە يېڭى يىلنى كۈتۈۋالغاچ تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۈچەيلەننىڭ دوستلۇقى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. نۇرمەمەت دائىم بۇ ئىككىيلەنگە ئۆزى باققان توخۇ، ئۆردەكلەرنى ئاپىرىپ بېرەتتى، سۇڭ چى ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ قايتىپ كەلگەندە نۇرمەمەتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئابدۇسەمەتنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلاتتى. «مېنىڭ بۇ بالام ئىنتايىن كەپسىز، ئەمما سۇڭ چىنىڭ گېپىنى ئوبدان ئاڭلايدۇ، بالام دائىم سۇڭ چى تاغام ياخشى چۈشەندۈرىدۇ، دەپ، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ» دېدى نۇرمەمەت.

  نۇرمەمەت ئائىلىسى ئىككى يىل ئىلگىرى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، نەچچە مو يەرگە بۇغداي ۋە كۆممىقوناق تېرىيتتى. 2017-يىل 5-ئاينىڭ بىر كۈنى، رېن سەنماۋ نۇرمەمەتكە ئېشەك بېقىپ، ئېشەك سۈتى بازىرىغا ئاتلىنىش تەكلىپىنى بەردى. «نۇرمەمەت ئاكام بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئىزچىل كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم قىلىشنى ئويلاپ كەلگەنىدىم.» رېن سەنماۋ مۇنداق دېدى: بىر مەزگىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەتراپتا كۆلەملەشتۈرۈپ ئېشەك باقىدىغان دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى، ئېشەك سۈتىنىڭ بازار ئىستىقبالىنى كىشىلەرنىڭ ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىدىم. مەن ئېشەك سۈتىنىڭ ناھىيە بازىرى ۋە چوڭ شەھەرلەردە ياخشى سېتىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ئېشەك سۈتى تالقىنى ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭمۇ ئېھتىياجى بار، مېنىڭچە بۇ بىر پۇرسەت.

  رېن سەنماۋ تىجارەتتە ئېپى بار زاۋۇت ئىگىسىدىن مەسلىھەت سوراپ، نۇرغۇن ياردەمگە ئېرىشتى، ئاندىن نۇرمەمەتكە ئېشەك بېقىشنىڭ ئىستىقبالىنى تەپسىلى تەھلىل قىلىپ بېرىپ، نۇرمەمەتنى دادىللىق بىلەن سىناپ بېقىشقا ئۈندىدى. ئۇلار دېگىنىنى قىلدى، رېن سەنماۋ نۇرمەمەتكە ھەمراھ بولۇپ كەنت ئاھالە كومىتېتىغا بېرىپ كەنت كادىرلىرىغا بۇ ئويىنى ئېيتتى، ئۇلار ئارقىدىن يەنە كەنتنىڭ قوللىشى بىلەن بانكىدىن قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ ئېلىپ، ئېغىل سالدى، 30 ئېشەك سېتىۋالدى. باقمىچىلىق جەريانىدا، رېن سەنماۋ دائىم نۇرمەمەت ئۈچۈن ماتېرىيال ئاختۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئېشەك بېقىش تېخنىكىسىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇنىڭ ئېشەك سۈتى سېتىشىغا ياردەملەشتى. «يەكەن ناھىيەسىدە نۇرغۇن خۇبېيلىق يۇرتدىشىم بار، ئاقسۇ شەھىرىدىمۇ بار، مەن نۇرمەمەت ئاكامنىڭ ئېشەك سۈتى سودىسى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدىم، كۆپچىلىك قىزغىنلىق بىلەن سېتىش يوللىرىنى ئالاقىلىشىپ بەردى، چوڭ-كىچىك تاللا بازارلىرى، پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى نۇرمەمەت ئاكامنىڭ ئېشەك سۈتىنى سېتىۋالىدىغان بولدى» دېدى رېن سەنماۋ. 2018-يىلى نۇرمەمەت باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتتى، بېقىۋاتقان ئېشەكنىڭ سانى 89 غا يېتىپ، شۇ يىللىق كىرىمى 200 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى.

  «ئاكا، بۈگۈن ئېشەك سۈتىنىڭ سودىسى قانداقراق؟» بۇ رېن سەنماۋنىڭ كۈندە نۇرمەمەتنى كۆرگەندە سورايدىغان تۇنجى سۆزى. 5-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۇ يەنە شۇنداق سورىدى. «بۈگۈن 700 يۈەندىن ئارتۇق ساتتىم، يامان ئەمەس» دېدى نۇرمەمەت رېن سەنماۋغا ئورۇندۇق تەڭلىگەچ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. «ياخشى بوپتۇ، ياخشى بوپتۇ، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بارغانچە ياخشىلانغانلىقىنى كۆرسەم، مەنمۇ خۇشال بولىمەن» دېدى رېن سەنماۋمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  شۇ ئەسنادا سۇڭ چىمۇ ئۆيدىن چىقىپ: «ئاكا، ئابدۇسەمەت بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا ياخشى نومۇر ئاپتۇ، بۇ بالا قانداق ئۆگىنىشنى بىلىۋالدى، ھازىر ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى بار بولدى» دېدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ نۇرمەمەت تېخىمۇ خۇش بولۇپ كەتتى، ئۇ رېن سەنماۋ بىلەن سۇڭ چىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «بۇنىڭدىن كېيىن قەيەرگە بېرىشىڭلاردىن قەتئىنەزەر، بىز ئۆمۈرلۈك قېرىنداشلار، مېنىڭ ئۆيۈم مەڭگۈ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى