تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەن تاۋ خەۋىرى) 2-نۆۋەتلىك 21-ئەسىر «دېڭىز يىپەك يولى» كۆرگەزمىسى ھەم 21-نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغاق سودا يىغىنى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى فۇجوۋ دېڭىز بوغۇزى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى «يىپەك يولىدىكى قەدىمىي شەھەرنى تونۇشتۇرۇش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش»نى باش تېما قىلىپ، كۆمۈر، ئۇن، تاش ۋە ساياھەت قاتارلىق ئەۋزەل بايلىقلارنى زىچ چۆرىدەپ، «يېشىل گۇچۇڭ، يېشىل يېزا ئىگىلىك» ۋە «ئاجايىپ مەنزىرىلەر، رومانتىك گۇچۇڭ» پۈتۈن رايون ساياھەت ماركىسىنى زور كۈچ بىلەن تونۇشتۇرۇپ، فۇجوۋ شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ مەھسۇلاتلىرى 2- نۆۋەتلىك 21-ئەسىر «دېڭىز يىپەك يولى» كۆرگەزمىسى ھەم 21-نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى ئىككى قىرغاق سودا يىغىنىدا نامايان بولدى
مۇھەررىر :
زۆھرە تۇرسۇن
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/05/23 18:05
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.