تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] «كىچىك ئاق قۇ»نىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خاتىرىسى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ شۇخەن): «لى تاغا، بىزنى كۆرگىلى كېلەمسىز؟ بەك خۇشال بولدۇم، سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گېپىم بار!» 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن ساقچىسى باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئەترەت باشلىقى لى خەيجۈن يان تېلېفوندا ئېلىنماي قالغان ئىككى نومۇرنى كۆرۈپ قايتۇرۇپ ئۇردى، تېلېفوننىڭ قارشى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى.

  تېلېفون ئۇرغىنى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تۈۋەت يېزىسى چوڭكۆل كەنتىدىكى ئىلمىنۇر مىرئابدۇللا ئىدى، ئۇ لى خەيجۈننىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى قەمەرخان ھوشۇرنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، 17 ياش، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتاتتى.

  2015-يىلى، لى خەيجۈن چوڭكۆل كەنتىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئارقىلىق قەمەرخان ئائىلىسى بىلەن تۇغقان بولغاندىن كېيىن، ئۆزئارا بېرىش-كېلىش جەريانىدا مېھىر-مۇھەببىتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. لى خەيجۈن يەنە ئىلمىنۇرغا «كىچىك ئاق قۇ» دەپ يېقىملىق ئىسىم قويۇپ قويدى.

  بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئىلمىنۇر دائىم قورسىقى ئاغرىۋاتقاندەك ھېس قىلدى، شۇ جايدىكى دوختۇرخانا ئۇنىڭغا تۈز ئۈچەي كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇشى مۇمكىن دەپ دىئاگنوز قويدى، «تۈز ئۈچەي راكى» دېگەن پەرەز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى.

  «ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يۈرىكىمىزنى ئاغرىتتى» دېدى لى خەيجۈن، «شۇ مەزگىللەردە، مەن ھەر كۈنى تېلېفون ئۇرۇپ دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، دوختۇردىن كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراپ تۇردۇم، يەنە دائىم تېلېفون ئۇرۇپ ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ۋە بالىغا تەسەللىي بەردىم.»

  كۆپ تەرەپتىن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، قاراقاش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن شىنجاڭ تىببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا كۆپ قېتىم يىراقتىن بىرلىشىپ دىئاگنوز قويغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭ كېسىلىگە ئېنىق دىئاگنوز قويغىلى بولمىدى.

  3-ئاينىڭ بېشىدا، لى خەيجۈن قاراقاش ناھىيەسىگە بېرىپ، قەمەرخان بىلەن ئىلمىنۇرنى ئېلىپ قاراقاش ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كۆپ قېتىم بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى، كۆپ تەرەپتىن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، كۆپچىلىك ئىلمىنۇرنى شىنجاڭ تىببىي داشۆ قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىشنى قارار قىلدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئىلمىنۇر بىلەن ئانىسى ئۈرۈمچىگە بارىدىغان پويىزغا چىقتى.

  تەكشۈرۈش تۈگىگەندىن كېيىن، پاتولوگىيەلىك نەتىجىنى كۈتۈپ تۇرغان كۈنلەر ئىنتايىن ئاستا ئۆتۈۋاتاتتى. سوت مەھكىمىسىدىكى كادىر-ساقچىلار ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ قالايمىقان خىياللاردا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، ھەر كۈنى ئۆزلۈكىدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، يەنە ئۇلارنى كىنو كۆرگىلى ئاپاردى، مەززىلىك تائاملارنى يېگۈزدى، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىغا ئاپىرىپ، كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزدى. ئەزەلدىن چوڭ شەھەرلەرگە كېلىپ باقمىغان «كىچىك ئاق قۇ» ھەممە نەرسىگە قىزىقىپ، بۇ شەھەرنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپ قالدى.

  ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ كەيپىياتىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك خاتىرجەم بولدى. كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئىلمىنۇرغا تۈز ئۈچەي مونچاق گۆش ئۆسمىسى دەپ دىئاگنوز قويۇلدى ھەمدە ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى.

  سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئىلمىنۇر يۇرتىغا قايتىپ كېتىدىغان بولدى. «ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن بەدەن چېنىقتۇرۇپ، ياخشى ئوقۇڭ، ھەر قانداق ئىش بولسا تۇنجى بولۇپ ماڭا دەڭ، بولامدۇ؟» لى خەيجۈن پويىز ئىستانسىسىدا ئىلمىنۇرغا قايتا-قايتا شۇنداق تاپىلىدى.

  ئىلمىنۇر قىيالمىغان ھالدا كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئېلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن ياخشى ئوقۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن، ياردەم قىلغان كىشىلەرگە جاۋاب قايتۇرىمەن!»

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى