تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

جورىڭىز ئالدىراش بولسا، ھەمراھ بولىدىغان ۋاقىتلاردىن ياخشى پايدىلىنىڭ

  نۇرغۇن كىشىگە نىسبەتەن، «تۇرمۇش بىلەن خىزمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» ئورۇنلاش مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپىدەك بىلىنىدۇ. ئەگەر جورىڭىز ئائىلىڭىزنىڭ  بىردىنبىر ئىقتىسادىي مەنبەسى بولسا، ياكى ئۇ ئىگىلىك تىكلىگۈچى، ۋە ياكى خىزمەت بېسىمى ئىنتايىن زور ئورۇندا خىزمەت قىلسا، ئۇنداقتا بىر تەرەپنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش بولۇش، ئىككىيلەننىڭ بىللە بولىدىغان ۋاقتى ئاز بولۇشتەك ئەھۋالغا دۇچار بولىسىز. بۇ چاغدا، ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە بىر - بىرىگە كەڭ قورساق بولۇش ئىنتايىن مۇھىم، تۆۋەندىكى بىر قانچە تەكلىپنىڭ مېھىر - مۇھەببەتنى ساقلاشقا پايدىسى بار.

  1. ھەمراھ بولۇش سۈپىتىڭىزنى ئۆستۈرۈڭ. بىر كۈنلۈك ھارغىنلىق خىزمەتنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، جورىڭىز چارچىغان ھالەتتە ئۆيگە قايتىپ كېلىدۇ، بىر ئېغىز گەپنىمۇ ئارتۇق قىلغۇدەك ماغدۇرى قالمايدۇ، بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئاغرىنىپ جېدەللەشكەندىن كۆرە، بۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەمراھ بولۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، ئۇسسۇلۇق بېرىش، ھەمراھىڭىز بىلەن بىللە جىمجىت ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش ياكى يېتىپ ئارام ئېلىش، پاراڭلاشقۇسى كەلگەندە پاراڭلىشىپ، بىردەم جىمجىت ۋاقىتتىن بەھرىلىنىش كېرەك.

  2. جورىڭىزنىڭ خىزمەتكە بولغان قىزىقىشىنى چۈشىنىڭ. بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىزمەت ۋە تۇرمۇش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بەلكى بىر- بىرىنى يوقاتمايدۇ. جورىڭىز خىزمىتىنى قىزغىن سۆيگەندە، خىزمەتنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، خىزمەت ۋاقتىنى قىسقارتىش خۇددى كىچىك بالىنى ئاز ئوينىتىپ، ئۇنىڭ قىزىقىشىنى تارتىۋالغانغا ئوخشايدۇ. جورىڭىزنىڭ خىزمەتكە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئىمكانقەدەر چۈشىنىڭ ۋە ئىجابىي تەرىپىنى كۆرۈڭ.

  3. «خىزمەتنى قويۇپ قويىدىغان» بىر ۋاقىتنى مەسلىھەتلىشىڭ. قەستەن جورىسىنىڭ خىزمىتىگە قەستەن كاشىلا قىلىش توغرا ئەمەس، لېكىن جورىڭىزدىن  بەزىدە خىزمىتىنى قويۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلسىڭىز ھەددىڭىزدىن ئاشقانلىق بولمايدۇ. خىزمىتى ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، كومپيۇتېر، يان تېلېفوننى قويۇپ، بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ ئۆيدىكىلەرگە ھەمراھ بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، ھەر ھەپتىدە بىر - ئىككى كۈن كەچتە خىزمەتنى ئۆيگە «ئېلىپ كەلمەي»، ئائىلىدىكىلەرگە ھەمراھ بولىدىغان ۋاقىتتىن تولۇق بەھرىلىنىش كېرەك.

  4. سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇڭ. قانداقلا گەپ بولسا، كۆڭلىدىكىنى يوشۇرماي دېيىش ئائىلىنىڭ ئېجىل-ئىناقلىقىغا پايدىلىق، بۇنداق بولغاندا زۆرۈر بولمىغان ئۇقۇشماسلىقلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ جورىڭىز خىزمەتنى تاماملاپ ھېرىپ - چارچىغاندا، ئۇنىڭ سىزنىڭ قانداق ئويىڭىز ۋە كەيپىياتىڭىزنىڭ  بارلىقىنى پەرەز قىلغۇدەك زېھنى قالمايدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ تەشۋىشلىرىنى ئۇدۇل ئېيتىپ، بىللە مەسلىھەتلەشسەڭلار، زىددىيەتنى تېخىمۇ تېز ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

  5. جورىڭىز بىلەن بىللە خىزمەت قىلىڭ. «خىزمەت مەستانىسى» ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىزمەت ئۆزىنى كۈچەيتىش تۇيغۇسى ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسى. شۇڭا، جورىڭىزدىن خىزمەتنى ئاز قىلىشنى تەلەپ قىلغاندىن كۆرە، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە خىزمەت قىلغىنىڭىز ياخشى. بۇ خىل يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھ بولۇش قارشى تەرەپكە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىر – بىرىڭلارغا ھەمراھ بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت بار بولىدۇ.

  6. خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقىڭىزنى ئۆيگە ئېلىپ كىرىڭ. خىزمەت بىلەن ئالدىراش بىر تەرەپمۇ مۇۋاپىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، قارشى تەرەپنىلا بەدەل تۆلەتمەسلىك كېرەك. ئارام ئېلىش پۇرسىتى بولغاندا، چوقۇم خىزمەتتىكى قىزغىنلىقى بىلەن ئائىلىدىكىلەرگە مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، مەسىلەن، سىرتلارغا چىقىپ ئۇچرىشىش، ساياھەت قىلىشنى پىلانلاش قاتارلىقلار، كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى چىڭىتىش كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى