شىنخۇا تورى خەۋىرى: 4-ئايدا، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 35 مىليارد 988 مىليون يۈەنلىك لاتارېيە بېلىتى سېتىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئوخشاش مەزگىلدىكى» دېيىلىدۇ) 5 مىليارد 717 مىليون يۈەن ئازىيىپ، %13.7 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، پاراۋانلىق لاتارېيەسى ئاپپاراتلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى 16 مىليارد 285 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليارد 424 مىليون يۈەن ئازىيىپ، %17.4 تۆۋەنلىگەن. تەنتەربىيە لاتارېيەسى ئاپپاراتلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى 19 مىليارد 703 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 مىليارد 293 مىليون يۈەن ئازىيىپ، %10.4 تۆۋەنلىگەن.
1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 142 مىليارد 305 مىليون يۈەنلىك لاتارېيە بېلىتى سېتىلغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليارد 575 مىليون يۈەن ئازىيىپ، %2.5 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، پاراۋانلىق لاتارېيەسى ئاپپاراتلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى 65 مىليارد 346 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6 مىليارد 613 مىليون يۈەن ئازىيىپ، %9.2 تۆۋەنلىگەن؛ تەنتەربىيە لاتارېيەسى ئاپپاراتلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى 76 مىليارد 960 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليارد 38 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %4.1 ئاشقان.
4-ئايدا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا، مەملىكەت بويىچە ئۈچ ئۆلكىنىڭ لاتارېيە بېلىتى سېتىش مىقدارىدا ئېشىش كۆرۈلگەن، بۇلار ئايرىم ھالدا سىچۇەن، گۈيجوۋ، شاڭخەي بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ھالدا 325 مىليون يۈەن، 28 مىليون يۈەن ۋە 27 مىليون يۈەن كۆپەيگەن.