تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىڭ فوتوگراف جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرىنى باشلىدى

  5-ئاينىڭ 20-كۈنى، شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن چاڭجياڭ دېلتىسى - جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىتتىپاقىنىڭ شاڭخەي تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، خوتەندىن ئىبارەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست شاڭخەيگە گۈزەل ھەم ئىناق جەنۇبىي شىنجاڭنى نامايان قىلدى.

  «بىر بەلباغ بىر يول»دىكى مۇھىم تۈگۈن نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، قويۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت تۈسىگە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى پائال بىرىكتۈرۈپ، ساياھەت فۇنكىسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت تەسىرىنى كېڭەيتىپ، ساياھەت مۇلازىمىتىنى ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايوندىن ساياھەت ئىقتىسادىدا كۈچلۈك رايونغا ئايلىنىشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى.

  بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، شاڭخەي شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى، شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ھەمكارلىق-ئالماشتۇرۇش ئىشخانىسى، شاڭخەي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تۈرتكىسىدە، شاڭخەي، جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئىتتىپاقى قۇرۇپ، قەرەللىك يىغىن ئېچىپ رايون ساياھىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھەمكارلىق تەدبىرلىرى قاتارلىقلار ئۈستىدە كېڭەشتى. تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، شاڭخەي ساياھەت كارخانىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست بىلەن ياردەم بېرىپ قۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئۇلار چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا پائال تەشكىللەيدۇ؛ تىنچ ئوكيان مال-مۈلۈك سۇغۇرتىسى قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن بىخەتەر ئاۋام جاۋابكارلىق سۇغۇرتىسى كېلىشىمى ئىمزالاپ، قەشقەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ساياھەتتە جىسمانىي بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى كاپالىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەشقەر ۋىلايىتى يەنە تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇادۇڭ سىفەن داشۆسى، شاڭخەي سىفەن داشۆسى، فۇدەن داشۆسى، شاڭخەي تاشقى سودا داشۆسى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىدىكى بەش مۇتەخەسسىسنى ساياھەت ئاقىللار ئامبىرى مۇتەخەسسىسىلىكىگە تەكلىپ قىلدى ھەمدە چۈنچيۇ گۇرۇھى پىلانلىغان شاڭخەيدىكى مىڭ فوتوگرافنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرى پائالىيىتىنى باشلىدى.

تىيانشان تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى