تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

قوش سېرىقلىق تۇخۇمدىن ئىككى چۈجە چىقامدۇ؟

  قوش سېرىقلىق تۇخۇم دېگىنىمىز، بىر تۇخۇم ئىچىدە ئىككى تۇخۇم سېرىقى بولغان تۇخۇمنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئادەتتە نورمال تۇخۇمدىن خېلىلا چوڭ بولىدۇ. قوش سېرىقلىق تۇخۇم تىلغا ئېلىنسا، بىز ئادەتتە ئۇنى «قوشكېزەك تۇخۇم»غا ئوخشاش دەپ قارايمىز. ئۇنداقتا، قوش سېرىقلىق تۇخۇمدىن ئىككى چۈجە چىقامدۇ؟

  قوش سېرىقلىق تۇخۇم ماھىيەتتە بىر خىل غەيرىي تۇخۇم. مېكىيان تۇخۇمدانى ئىچىدىكى ئىككى تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىرلا ۋاقىتتا پىشىپ يېتىلىپ، بىللە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە كىرگەندە، ئىككى تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئايرىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ ئىچكى دىۋارىدىن ئاجرىلىپ چىققان ئاقسىل تەرىپىدىن ئورىۋېلىنىدۇ، ئاندىن تەرتىپ بويىچە تۇخۇم ئىچكى پەردىسى ۋە تۇخۇم شاكىلى قاتارلىقلار بىلەن ئورىلىپ، ئاخىرىدا قوش سېرىقلىق تۇخۇم شەكىللىنىدۇ.

  قوش سېرىقلىق تۇخۇمنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ناھايىتى كۆپ، ئادەتتە توخۇ توپى چۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن، مېكىيان قوش سېرىقلىق تۇخۇم تۇغۇشى مۇمكىن. قوش سېرىقلىق تۇخۇمنى ئادەتتە ياش مېكىيانلار تۇغىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ تېنى بىر قەدەر ساغلام، تۇخۇمدان ئىقتىدارى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى تۇخۇم ھۈجەيرىسى چىقىرىش نىسبىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قوش سېرىقلىق تۇخۇم تۇغۇش- تۇغماسلىقمۇ مېكىيان ئادەتتە قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك ياكى يېتەرلىك ئەمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  قوش سېرىقلىق تۇخۇمدىن قوشكېزەك چۈجە چىقىدۇ، بۇ خىل قاراش قارىماققا ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك بىلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. بۇنى تۇخۇمنىڭ تۈزۈلۈشىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  تۇخۇمنىڭ ئاساسلىق تۈزۈلۈشى سىرتتىن ئىچىگە قاراپ تەرتىپ بويىچە تۇخۇم شاكىلى، تۇخۇم ئىچكى پەردىسى، ئاقسىل، تۇخۇم سېرىقى بولىدۇ. تۇخۇم شاكىلى پۈتكۈل تۇخۇم قۇرۇلمىسى ئىچىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم قىسىم بولۇپ، تۆرەلمىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. تۇخۇم شاكىلىدا ھاۋا تۆشۈكچىلىرى بار بولۇپ، تۇخۇمنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى گاز ئالماشتۇرۇش ۋە سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش يولى ھېسابلىنىدۇ. تۇخۇم شاكىلىنىڭ ئىچكى قىسمىغا تۇخۇم سىرتقى پەردىسى ۋە تۇخۇم ئىچكى پەردىسى يېپىشىپ تۇرىدۇ، كېيىنكىسى ئاقسىلنىڭ سىرتقى يۈزىنى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىككى قەۋەت تۇخۇم پەردىسى تۇخۇمنىڭ توم ئۇچىدا ئايرىلىپ، ھاۋا خالتىسى شەكىللەندۈرىدۇ. چۈجە چىقىرىش جەريانىدا، ھاۋا خالتىسىدىكى ھاۋا كېيىنكى تۆرەلمىنى ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاقسىل، يەنى بىز دائىم دەيدىغان تۇخۇم ئېقىنىڭ تۇخۇمدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى سۇ ۋە ئاقسىل. تۇخۇم سېرىقى تۇخۇمنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئەتراپىدىكى رەڭگە ئوخشىمايدىغان يۇمىلاق داغ بولۇپ، ئۇ بالا ھەمراھى ياكى تۆرەلمە تۈگۈنىنىڭ ئورنى ھېسابلىنىدۇ. بالا ھەمراھى ۋە تۆرەلمە تۈگۈنى دېگىنىمىز، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، تۇخۇم ھۈجەيرىسى ۋە تۆرەلمىدۇر.

  بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تۇخۇمنىڭ ھەقىقىي چۈجە چىقىدىغان قىسىمى تۇخۇم سېرىقى بولماستىن، بەلكى تۇخۇم سېرىقى ئۈستىدىكى «ئاق چېكىت». تۇخۇم سېرىقىنىڭ رولى تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش، ئۇنىڭ سانى تۇخۇمدىن چىققان چۈجىنىڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

  بىر تۇخۇمنىڭ ئىچىدە ئىككى تۆرەلمە بولغان تەقدىردىمۇ، قوشكېزەك چۈجە چىقىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولمايدۇ. چۈنكى، تۇخۇم ئىچىدىكى بوشلۇق، ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار چەكلىك بولغاچقا، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى تۆرەلمىنىڭ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. بولۇپمۇ تۆرەلمىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل «بايلىق كەمچىل بولۇش» بارغانسېرى روشەن ئىپادىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككىلا چۈجە ئۆلۈپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالىدۇ.

  تۇخۇم سېرىقىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولغاچقا، قوش سېرىقلىق تۇخۇم كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، تاسادىپىي ھالدا قوش سېرىقلىق تۇخۇمغا ئېرىشىپ قالسا، كىشىلەر ئۇنى تەلەينىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدۇ. بېقىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بىر توخۇ فېرمىسى ئەگەر كۆپ مىقداردا قوش سېرىقلىق تۇخۇم چىقارسا، ئۇنداقتا توخۇ بېقىش مۇھىتىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بولۇشى ياكى باققۇچىلار قەستەن شۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى