شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى 5- ئاينىڭ 21- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو ۋىدودوغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن ئۇنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىپ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ۋە ھىندونېزىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇپ، ئىككى تەرەپ، رايون ۋە كۆپ تەرەپلىك قاتلامدا كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، تەبىئىي ھەمكارلىق ھەمراھى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىياتنى ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، ھەرقايسى ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى. مەن جۇڭگو - ھىندونېزىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ جوكو بىلەن داۋاملىق ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۆتكەنكى بەش يىل ئاساسىدا يەنىمۇ بىر بالداق ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.