تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - باشقۇرۇش خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - باشقۇرۇش خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - باشقۇرۇش خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - باشقۇرۇش پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئۇل خاراكتېرلىك، دائىملىق خىزمەت. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - باشقۇرۇشنى قاتتىق، ئەمەلىي تۇتىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. «نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ مىزان قىلىنىپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى يەكۈنلىنىپ، قوبۇل قىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - باشقۇرۇشتىكى مەزمۇن، ئۇسۇل، تەرتىپ قاتارلىقلار قېلىپلاشتۇرۇلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى تۈپ مىزان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: «نىزام»نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پارتىيە ئەزالىرى قوشۇن قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنىڭ ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەربىر پارتىيە ئەزاسى ۋەزىپىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى چوقۇم پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ تەلىپى ۋە «نىزام»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەربىيەسى، باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھەرقايسى پارتگۇرۇپپىلار پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، «نىزام»نى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئاشۇرۇپ، شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك. «نىزام»نى تەشۋىق قىلىش - چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆگىنىش - تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى «نىزام»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «نىزام»نىڭ مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، «نىزام»دىكى بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان قىلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىللە ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، «نىزام»نىڭ ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋاللار ۋە تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - باشقۇرۇش خىزمىتى نىزامى» جەمئىي 10 باب، 46 ماددا.

  بۇ نىزامنى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى چۈشەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ.

  بۇ نىزام 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى