تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

داچا ھەم ھويلىلار شادلىق بېرەر كۆڭۈلگە، گۈزەل سەھرا سىيماسى مۇجەسسەمدۇر جۇكىنگە

ــــ بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى جۇكىن كەنتىدە نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يىن شياۋجۈن، ۋاڭ لېي، تاڭ يۇڭ، لۈ يىخەن

  5- ئاينىڭ 19- كۈنى كەچتە، مۇخبىرلار بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى جۇكىن كەنتىگە كەلدى، كەچكى شەپەق نۇرى قىزىل ئۆگزىلىك سېرىق تاملىق ئىككى قەۋەتلىك داچىلارغا چۈشۈپ تۇراتتى، ئىتلارنىڭ بىرنەچچە قېتىملىق ھاۋشىشلىرىدىن كېيىن، بۇ يەر تېخىمۇ تىمتاسلىققا چۆمدى.

  جۇكىن كەنتىنى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ «چولپان كەنتى» دېيىشكە بولىدۇ، پۈتۈن ئوبلاست بويىچە تەڭدىشى يوق: ئىككى قېتىم «مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت» بولۇپ باھالانغان، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ 4- تۈركۈمدىكى گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان كەنتلەر ئۈلگە كۆرسىتىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 2018- يىلى دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 24 مىڭ 705 يۈەنگە يەتكەن.

  مەدەنىي، ئولتۇراقلىشىشقا ماس، باي بولغاچقا، جۇكىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى شەھەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلمايدىغان بولدى.

   داچىلار كەنتتە قەد كۆتۈردى

  ھەر كۈنى سەھەردە، كەنت ئاھالىسى ئويىنبىلىك داچىسىنى رەتلىك يىغىشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ.

  بۇ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 230 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنا بولۇپ، ئۆي ئىچىگە كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى، بېزىلىشى ئۆزگىچە، ھەر خىل زامانىۋى ئەسلىھەلەر تولۇق ئىدى.

  ئۆينىڭ ئازادىلىكى تىلغا ئېلىنسا، ئويىنبىلىكنىڭ خۇشاللىقتىن ئاغزى يۇمۇلماي قالىدۇ. ئۇ ئاشخانىسىدا ئىش قىلىشقا ئەڭ ئامراق، پاكىز ئوچاق بېشى، كۆكتات يۇيۇش كۆلچىكى، بۇستارتقۇ... ھەر كۈنى تاماق ئېتىش ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ھۇزۇر.

  «2012- يىلى كەنتتە يەرلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن كېۋەز تېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، مۇشۇ يىللاردا كۆپچىلىكنىڭ تېرىقچىلىق كىرىمى بارغانسېرى ئاشتى. ئىككى يىل ئىلگىرى، كەنت يەنە بىرتۇتاش لايىھە تۈزۈپ، كۆپچىلىكنى داچا سېلىشقا رىغبەتلەندۈردى، ئائىلىمىز تۇنجى تۈركۈمدە تىزىمغا ئالدۇردى» دېدى ئويىنبىلىك تونۇشتۇرۇپ.

  ئويىنبىلىككە ئوخشاش، جۇكىن كەنتىدە يەنە 22 ئائىلە داچا تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولدى. 2018- يىلى 6- ئايدا ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستى.

  كەنتنىڭ بىرتۇتاش پىلانى بويىچە، ھەربىر داچىغا 1.3مو ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىلدى، ئەمما ھويلا - ئارانلارنى ھەربىر ئائىلە ئۆزى چۆرىدىۋالغان بولماستىن، بەلكى كەنت بىرتۇتاش سېلىپ بەردى.

  بۇنداق قىلىشتا، داچا سېلىشنى پىلانلىغۇچى − بىلىن خارمودۇن يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى سۈن چۇنشېڭ يىراقنى كۆزلىگەن.

  سۈن چۇنشېڭ جۇكىن كەنتىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، بۇ ئىككى كۈندە، ئۇ قۇرۇلۇش ئەترىتىنى باشلاپ بىر داچا ئالدىدىكى بوش يەرگە نېلۇپەر كۆلچىكى ياساش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «بىز ھازىر كۆلىمى 14 مو كېلىدىغان نېلۇپەر گۈلى مەنزىرە بەلبېغى ياساۋاتىمىز، سۇ سىڭمەس قىلىپ ياسالغان نېلۇپەر كۆلچىكى ئۈچ كۈندىن كېيىن پۈتىدۇ، ئىككى ئايدىن كېيىن نېلۇپەر گۈلى ئۆسۈپ چىقىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە داچا بىلەن نېلۇپەر گۈللىرى بىر - بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، كەنتنىڭ<قىياپىتى>نى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ» دېدى سۈن چۇنشېڭ.

  «كەنت ئاھالىلىرى داچىغا كۆچۈپ كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ساندىكى ئائىلىلەرنىڭ 2- قەۋىتىدىكى ياتاق ئۆيى ئاساسەن بىكار تۇرۇۋاتىدۇ، ئەگەر كەنتتە مەنزىرە بەلبېغى بولسا، كەنت ئاھالىلىرى داچىنى پۇقراۋى قونالغۇ قىلىپ ئۆزگەرتىپ، دېھقانلار ئارامگاھى تىجارىتى قىلىپ، كەنتنىڭ ساياھەت كەسپىنى بەرپا قىلسا بولىدۇ.» سۈن چۇنشېڭ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، سالقىن شاماللىق ياز كېچىسى داچىنىڭ پېشايۋانىدا يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلىش، ئاينى تاماشا قىلىش، نېلۇپەردىن ھۇزۇرلىنىش قاتارلىق بۇنداق خۇشاللىق ئىش چوقۇم كەنت ئاھالىلىرىگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.

   كەنتنى ئۆزگەرتىش ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى

  جۇكىن كەنتىنى ئۆزگەرتىش ئەمەلىيەتتە ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى.

  جۇكىن كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان سابىق مۇدىرى لى جيا ئۆزىنى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرگەن ئىشنىڭ دەل 1986- يىلى جۇكىن كەنتىنى كۆچۈرۈشكە تەشكىللەش ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

  «كۆچۈرۈشتىن ئىلگىرى، كەنتتىكى ئۆيلەر پۈتۈنلەي <سوقما تاملىق ئۆي>لەر بولۇپ، تۇرالغۇ مۇھىتى ئىنتايىن ناچار ئىدى.» لى جيا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەنتنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، مەن كەنت ئاھالىلىرىگە باشلامچىلىق قىلىپ، كەنتتىن ئانچە يىراق بولمىغان شورلۇق يەردە 470مو كۆلەمدىكى يېڭى كەنت ئورنىنى تاللاپ بېكىتىپ، پۈتۈن كەنت بويىچە كۆچتۇق، يېڭى كەنت تۇرالغۇ رايونى ۋە باقمىچىلىق رايونى دەپ ئايرىلغان بولۇپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى پاكىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.

  1996- يىلى، لى جيا كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ كەنت يولى، ئورمان بەلبېغى، ھويلا - ئاران، ئۆيلەرنىڭ شەكلىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خىش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەرنى سالدى. كەنتتىكى بىر نەچچە غول يوللارمۇ قاتتىقلاشتۇرۇلدى ھەم كەنت ئاھالىلىرىدىن يوللارنىڭ نامى توغرىسىدا پىكىر توپلاندى. شۇنىڭ بىلەن كەنتتە ئىتتىپاق يولى، يۈيىڭ يولى، جىنگۇاڭ يولى، جيەنگۇڭ يولى...بار بولدى، بۇ يول تاختىلىرى بۈگۈنگىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.

  2006- يىلى، ئەينى چاغدىكى جۇكىن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شياۋ مېڭبىڭ مەبلەغ قولغا كەلتۈرۈپ، يولنىڭ ھەممىسىنى ئاسفالتلاشتۇردى ھەم توك يەتكۈزۈش، خەۋەرلىشىش، سىملىق تېلېۋىزىيە قاتارلىقلارنىڭ ئوچۇقچىلىقتىكى سىمىنى يەر ئاستىغا كۆمۈپ، يوشۇرۇن سىمغا ئۆزگەرتىپ، قالايمىقان «ئۆمۈچۈك تورى»نى يوقىتىپ، كەنت قىياپىتىنىڭ دەرىجىسىنى يەنە ئۆستۈردى.

  2012- يىلى، جۇكىن كەنتى ئاپتونوم رايون بويىچە گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىدىكى سىناق نۇقتا كەنتى قىلىپ بېكىتىلدى، ئەينى چاغدىكى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۈن چۇنشېڭ تۈر مەبلىغىنى پائال توپلاپ، كەنت مەدەنىيەت ئۆيى سالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتنىڭ تۇرۇبا سۈيى باشقۇرۇش تورى، كۆكەرتىش بەلبېغى، يول چىرىغىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلدى.

  2017- يىلى، «گۈزەل يېزا - كەنت» قۇرۇلۇشىنىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىلىپ، كەنت دەرىجىلىك ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزى ۋە يەسلى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

   پىكىر يولى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئېچىلدى

  جۇكىن كەنتىدىكى ھەر قېتىملىق ئۆزگەرتىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى ھەم يېڭى پىكىر يولى ئېلىپ كەلدى.

  2017- يىلى، بورتالا ئوبلاستى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى چېقىش خىزمىتىنى يولغا قويدى، سۈن چۇنشېڭ جۇكىن كەنتىنىڭ ئۆيلۈك يەرنىڭ بوش قېلىش نىسبىتى يۇقىرىراق بولۇشتەك ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تەكرار كېڭىشىپ، چوقۇم مەۋقەنى يىراق كەلگۈسىگە قويۇپ، خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى چېقىش ۋە ھويلا - ئارانلارنى تۈزەش پۇرسىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىشلىتىلمەي تاشلىنىپ قالغان ئۆيلۈك يەرلەرنى جانلاندۇرۇپ، يېزا - كەنت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم كەلگۈسىدە تېخىمۇ يېڭى كەسىپلەر، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ماكانلىشىشى ئۈچۈن بوشلۇق يارىتىشتىن ئىبارەت ئورتاق تونۇشنى شەكىللەندۈردى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەكرار كېڭىشىشى ھەم مۇتەخەسسىسلەردىن ئەقىل سوراش ئارقىلىق، جۇكىن كەنتى تۈجۈپىلىك ئىخچاملاش پىكىر يولى بويىچە، ھەربىر داچىنىڭ قۇرۇلۇش يېرىنى 1.3مو قىلىپ پىلانلىدى، بۇ، ئەسلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆيلۈك يەر كۆلىمىدىن 0.7مو ئاز. تېجەپ قېلىنغان ئۆيلۈك يەر كۆلىمىنى كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىك قۇرۇلۇش يېرىگە كىرگۈزۈپ، يارىتىلغان ئىقتىسادىي كىرىمنىڭ پايدىسىنى ئۆي ئىگىلىرى بىلەن بۆلۈشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياردەم پۇلى بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ داچا سېلىشىغا مەدەت بەردى ھەم داچا يىرىك پىلان رايونىدىكى ئەسلىدىكى قورۇ ئۆيلەرنى بىرتۇتاش باھالىدى، ئۆي سالغۇچى بىلەن ئەسلىدىكى قورۇ ئۆيلەرنىڭ ئىگىلىرى ئۆينى مەسلىھەت بىلەن كېڭىشىپ چاقتى.

  بۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق، جۇكىن كەنتى ئەسلىدىكى ئۆيلۈك يەر كۆلىمى بەك چوڭ بولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان يەر ئىسراپچىلىقى ۋە ئۆيلۈك يەردىن ھەقلىق چېكىنىپ چىققاندا ئاسان يۈزبېرىدىغان ماجىرا مەسىلىسىنى ئىجادىي ھەل قىلدى. ئەينى يىلى جۇكىن كەنتى ئوڭۇشلۇق ھالدا 18 قورۇنى چېقىپ، داچا قۇرۇلۇشىنى باشلىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، داچا جۇكىن كەنتىدىكى يارقىن مەنزىرە بولۇپ قالدى. ھالبۇكى، ئەينى چاغدا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن داچا سېلىشقا قاتناشمىغان كەنت ئاھالىلىرىگە قارىتا، ئىلتىماس سۇنسىلا بېكىتىلگەن قائىدىگە ئاساسەن يەر بىلەن تەمىنلەش، تولۇقلىما بېرىش يولغا قويۇلدى.

  «ھازىر يەنە بەش ئائىلىلىك داچا سېلىشقا باشلىدى، مەن بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ داچىدا ئولتۇرۇپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» سۈن چۇنشېڭ مۇخبىرلار بىلەن ئويىنبىلىكنىڭ قورۇسىدا ئولتۇرۇپ بۇ گەپلەرنى قىلدى.

بۇ جايدىكى ئاياللار چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدىيەلەيدۇ، خۇديېلەن گۈلى باقالايدۇ

يىن شياۋجۈن

  بۇ ئىككى كۈندە بورتالا شەھىرىنىڭ بىلىن خارمودۇن يېزىسى جۇكىن كەنتىدە زىيارەت قىلىش داۋامىدا، مۇنداق بىر تەپسىلات مۇخبىرلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  كەنت ئاھالىسى لى ۋېييەننىڭ داچىسى ناھايىتى پاكىز بولۇپ، يېشىل ئۆسۈملۈك ۋە گۈل - گىياھلار مېھمانخانىنى ئىللىق، چىرايلىق قىلىۋەتكەنىدى. دېرىزە تەكچىسىدىكى خۇديېلەن گۈلى پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى.

  مۇخبىرلار 30 ياشتىن ئاشقان چىرايلىق ئايال خوجايىن لى ۋېييەننى پەقەت ئۆيدە ئائىلە ئىشلىرىنىلا قىلىدۇ، بالا باقىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى، مۇخبىرلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن كەنت كادىرى كۈلۈپ تۇرۇپ: ئۇ يەنە چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ھەيدەش ئۇستىسى، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش چاغلىرىدا ئېتىزدا ئىشلەيدۇ، دېدى. ئەسلىدە كەنتتىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ ئېتىزلاردا ئىشلىيەلەيدىكەن.

  جۇكىن كەنتىدە مۇخبىرلار كىرگەنلىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى نەپىس بېزەلگەن ئىدى: ئۆيگە كىرگەندە ساپما كەش ئالماشتۇرىدىكەن، مېھمانخانىلىرىدا يېشىل ئۆسۈملۈك ۋە گۈل - گىياھلار بار ئىكەن، ھەممە جاي يورۇق، پاكىز بولۇپ، نەرسە - كېرەكلەر رەتلىك تىزىلغان ئىكەن.

  ئەمگەك قىلىشنى بىلىش، تۇرمۇشنى سۆيۈش كېرەك. روشەنكى «بەختلىك تۇرمۇش قەيەردىن كېلىدۇ، ئەمگەك ئارقىلىق يارىتىلىدۇ»، كەنت يەسلىسىدە بالىلار دائىم ئېيتىدىغان بۇ ناخشا جۇكىن كەنتىگە ئەڭ ياخشى تەڭكەش بولغان ناخشىدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى