تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەھبۇبە ئۆزىنىڭ كەسپىنى تاپتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گاۋ ۋا، لى چۇنشيا

  4- ئاينىڭ 25- كۈنى سەھەردىلا يەكەن ناھىيەسىنىڭ توقۇمىچىلىق شەھەرچىسىدىكى بىر قولايلىق دۇكاننىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، دۇكان ئىگىسى مەھبۇبە تۇرسۇن چەبدەسلىك بىلەن تازىلىق قىلىپ، مال جازىسىنى رەتلەپ، تىجارەت باشلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقلارنى قىلىۋاتاتتى.

  مەھبۇبەنىڭ ئېرى ئابدۇرېشىت ئابلىز خوتۇنىنىڭ بېرىلىپ ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سۆيۈنگەن ھالدا: «مېنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان خوتۇنۇم يەنە قايتىپ كەلدى» دېدى.

   بەربات قىلىنغان كەسىپچانلىق

  ئېرىنىڭ نەزەرىدە مەھبۇبە ناھايىتى كەسىپچان ئايال ئىدى، ھالبۇكى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى خوتۇنىنى بىرمەھەل باشقىلا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

  مەھبۇبە 2003- يىلى توي قىلدى، تويدىن كېيىن پىشۇرۇق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، تورتخانا ئاچتى. تېخنىكا بىلىدىغان ھەم تىجارەتكە ماھىر مەھبۇبە كەسىپ دائىرىسى ۋە تىجارەت كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تورتخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىغا ئايلاندۇردى.

  لېكىن، قاچاندىن باشلاندىكىن، مەھبۇبە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قانۇنسىز «تەبلىغ»كە قاتنىشىپ، ئۆزگىرىپ باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىشنى خالىمايدىغان، يەنە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىشنى چەتكە قاقىدىغان بولۇپ قالدى. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ قايمۇقتۇرۇشىدا، ئۇنىڭ ئىش قىلىشقا رايى بارماي، پۈتۈن ئەس - يادى زاۋۇت سېتىۋالغان خام ئەشيا «مۇسۇلمانچە»مىدۇ، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ يەۋاتقىنى، كىيىۋاتقىنى، ئىشلىتىۋاتقىنى «مۇسۇلمانچە»مىدۇ، دېگەندىلا قالغاچقا، سودىسى بارغانسېرى ناچارلاشتى. كېيىن، بەزىلەر ئۇنىڭغا: «ئايال كىشى تاپقان پۇل دۇرۇس ئەمەس» دېدى، مەھبۇبە بىراقلا زاۋۇتنى تاقىۋەتتى.

  شۇ چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ، ئابدۇرېشىت ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇ سىرتقا چىقمايتتى، بىز بىلەن پاراڭلىشىشنىمۇ خالىمايتتى، ئۆينىڭ كەيپىياتى ناھايىتى بۇرۇقتۇرما بولۇپ، بالىلارنىڭ كۈلكىسىمۇ ئازلاپ كەتكەنىدى».

   قايتىدىن ئىگىلىك تىكلەپ ئارزۇغا ئىنتىلىش

  دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان مەھبۇبە يەكەن ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىگە كېلىپ ئۆگەندى. ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەھبۇبە ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ، بارا - بارا ئىسكەنجىدىن قۇتۇلدى.

  «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ئاياللار سىرتقا چىقسا بولمايدۇ، ئىشلىسە بولمايدۇ، دېگەننى تەرغىب قىلىپ، خۇددى ئارغامچىدەك مېنى بوغۇپ، نەپەس ئالالماي قالغانىدىم.» مەھبۇبە مۇنداق دېدى: «تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە، ئوقۇتقۇچىلار دائىم ماڭا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئاياللار توغرىسىدىكى كىشىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىپ، مېنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئادەم بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزى ماڭا كۈچ بەردى، مېنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن باتۇرلۇق بىلەن قۇتۇلۇپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش جۈرئىتىگە ئىگە قىلدى».

  تەلىم - تەربىيە مەركىزىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئەتراپلىق ئويلىنىش ئارقىلىق، مەھبۇبە قولاي دۇكان ئېچىشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئۆزىنىڭ كەسپىنى تېپىۋېلىشنى قارار قىلدى. ئېرى ئۇنىڭ ئويىنى قوللىدى، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن دەرھال دۇكان ئىزدەپ، مال كىرگۈزۈش يوللىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ، دۇكان ئېچىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدى. مەھبۇبەنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرگىنى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يەنە ئۆي ئىجارىسى ۋە سۇ، توك ھەققىنى كېمەيتىپ ۋە كەچۈرۈم قىلىپ، ئۇنىڭ قايتىدىن ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللىدى.

  بۇلتۇر 11- ئايدا، مەھبۇبەنىڭ قولاي دۇكىنى تىجارەت باشلىدى. تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگەنگەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنىڭ ئۇنىڭ سودىسىغا چوڭ ياردىمى بولدى. «پۇتۇڭخۇانى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، سودىدىكى شېرىكلىرىم، خېرىدارلىرىم بىلەن توسالغۇسىز پىكىرلىشەلەيدىغان بولدۇم، ناھايىتى قولايلىق بولدى.» مەھبۇبەنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشنى خالىمىغاچقا، نۇرغۇن خېرىدار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالماي، نۇرغۇن سودا پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان ئىكەن. ھازىر ئۇ پۇتۇڭخۇانى ياخشى ئۆگىنىپ، كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئاساس ساپتۇ.

   تىرىشىپ تىجارەت قىلىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش

  «ياخشىمۇ سىز، جەمئىي 27 يۈەن، سىز كودنى سىكاننېرلامسىز ياكى نەق پۇل تۆلەمسىز؟» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى، تېخى چۈش بولمايلا، قولاي دۇكاننىڭ تىجارەت سوممىسى 800 يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، مەھبۇبەنىڭ قەلبى خۇشاللىققا تولدى، «ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يان تېلېفوندا پۇل تۆلەشكە ئامراق، مەنمۇ پۇل ئېلىش ئىككىلىك كودىنى ئىلتىماس قىلدىم. دەۋر رىتىمىغا ئەگەشكەندىلا، سودىنى ئاندىن بارغانسېرى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ».

  قولاي دۇكان يېڭى ئېچىلغان مەزگىلدە، مال تۈرلىرى تولۇق بولمىغاچقا، سودا ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، بەزى كۈنلىرى تىجارەت سوممىسى پەقەت 100 نەچچە يۈەن بولاتتى. مەھبۇبە مەيۈسلەنمىدى، ھەر كۈنى قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئەستايىدىل خاتىرىلىدى.

  تاۋارنىڭ تۈرلىرى تولۇقلاندى، خېرىدارمۇ تەبىئىيلا كۆپەيدى. بۇ مەزگىلدە، سودا ياخشى ۋاقىتلاردا قولاي دۇكاننىڭ بىر كۈنلۈك تىجارەت سوممىسى 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. مەھبۇبەنىڭ قولاي دۇكاننىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى پىلانى بۇلا ئەمەس ئىدى، «مەن يان تېلېفون ئۈندىدار دۇكىنى ئېچىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، خېرىدارلار يان تېلېفوندا بىر چېكىپلا زاكاز قىلالايدۇ، ئۆيى يېقىن ئەتراپتىكىلەرگە مالنى ھەقسىز يەتكۈزىمەن، بۇ ھەم كۆپچىلىككە قولايلىق، ھەم دۇكاننىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىدۇ» دېدى مەھبۇبە چوت سوقۇپ.

  «مەھبۇبە ھازىر پۈتۈن زېھنى بىلەن قولاي دۇكاننىڭ تىجارىتىنى ياخشى قىلىشنى ئويلاۋاتىدۇ، تىرىشىش نىشانى بولغاچقا، مىجەزى ياخشىلىنىپ ئوچۇق - يورۇق بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولدى. بىز ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ياخشى كۆرىمىز، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزى ئۇنى ئۆز ئەسلىگە قايتۇردى» دېدى ئابدۇرېشىت.

  «ئاپا!» 4- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەھبۇبە سىرتقا چىقىپ ئىش بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن دەرستىن سىرتقى كۇرۇژۇكقا قاتنىشىۋاتقان ئوغلىنى ئالغىلى باردى، ئوغلى خۇشاللىقىدىن ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاتتى، ئۆيگە قايتىش يولىدا كۈلكە - چاقچاق ئۈزۈلمىدى.

  «مەن چوقۇم قولاي دۇكاننى ئەستايىدىل ياخشى ئاچىمەن، مەسئۇلىيەتچان، كەسىپچان ياخشى ئانا بولۇپ، بالامغا ياخشى ئۈلگە بولىمەن» دېدى مەھبۇبە كەلگۈسىگە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قاراپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى