تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مالىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 21- كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يوپۇقى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  «مەركەز ئىشتات ئىشخانىسىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىشىغا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» «مالىيە مىنىستىرلىقى كادىرلار ئىشلىرى - مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ تەسىس قىلىشىغا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ روھىغا ئاساسەن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق مالىيە مەمۇرىي تەپتىش مەخسۇس خادىم ئىش باشقارمىسىنىڭ نامى مالىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئۆزگەرتىلدى.

  مالىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مالىيە - ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ئىلگىرىكى كەسىپنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلىشنى كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈشنى ئاساس قىلىشنى ئىشتىن بۇرۇن ئىش داۋامىدا باشقۇرۇشنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەرتىپ، مەۋقەنى يېڭى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە، يېڭى ئورۇن بەلگىلەشكە، يېڭى بۇرچقا قويۇپ، خىزمەتنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مالىيە - باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا تۆھپە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى