تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش

ـــــ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ «پەيتى» بىلەن «ۋەزىيىتى»گە نەزەر

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خې يۈشىن، ليۇ ياڭياڭ

  جۇڭگو ئىقتىسادىنى كۆزەتكەندە، جەزمەن «پەيت» بىلەن «ۋەزىيەت»نى كۆزىتىش كېرەك.

  جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، «پۇرسەت» سۆزى يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئىگە بولدى ـــ

  ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىياتنى تېزلىتىش، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاتنىشىش نۇرغۇن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

  بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئالغا ئىگىرىلەش قەدىمى قەتئىي بولۇپ، «پەيت» بىلەن «ۋەزىيەت»نىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەسلىكى جەريانىدا، پۇرسەتنى تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، قىيىنچىلىق ئالدىدا بەل قويۇۋەتمەي، يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئەھۋالنى كۆزىتىپ ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەشتە يېڭى پۇرسەت ئىگىلەش

  ئەگەر 2019- يىلى 4- ئاينى كۆزنەك قىلىپ كۆزەتسەك، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگونى ھېس قىلىش تەس ئەمەس:

  4- ئاينىڭ 8- كۈنى، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقىنى سىجىل زورايتىش خەۋىرى تارقالدى: شەھەر رايونىدىكى دائىملىق نوپۇسى 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە بولغان چوڭ شەھەرلەردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا نوپۇس ئورنىتىش چەكلىمىسى بىكار قىلىنىدۇ؛

  4- ئاينىڭ 24- كۈنى، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ، پۇقراۋى كارخانىلارنى ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق توققۇز جەھەتتە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ؛

  4- ئاينىڭ 26- كۈنى، 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە، جۇڭگو بىر قاتار مۇھىم، زور ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، خەلقئارا ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يولغا قويىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشقا ئاكتىپ كۈچ قوشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛

  4- ئاينىڭ 28- كۈنى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى باشلاندى، بۇ، دۇنيا جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىياتنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدىغان بىر مەيدان «يېشىللىقنىڭ ئۇچرىشىشى»؛

  ...

  ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو، شۇنداقلا پۇرسەتكە تولغان جۇڭگو.

  دۇنيادىكى 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە «چوڭقۇر تىپ ئۆزگەرتىۋاتىدۇ»، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن ئاھالىسى بار چوڭ بازار دۇنيا بىلەن «چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇۋاتىدۇ»، جۇڭگو ئىقتىسادىدا ھەر كۈنى يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، بېسىم بىلەن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنىڭ گىرەلىشىشى جەريانىدا يېڭى پۇرسەتلەر مەيدانغا كەلمەكتە.

  بۇ يىل ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇرغۇن تەدبىرگە «پۇرسەت» نەزەرى بىلەن قاراش ــــ

  تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قۇدرەتلىك دۆلەت ئىچى بازىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، دۇنياۋى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشى چوڭ ۋەزىيىتىدە تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى؛

  نۇرغۇن ئۆلكىنىڭ ئېكولوگىيەنى ئاسراش قىزىل سىزىقىنى چىڭىتىشى، «دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى (خەينەن)نى يولغا قويۇش لايىھەسى»نىڭ ئېلان قىلىنىشى قاتارلىقلار يېشىل تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى؛

  ئاسىيا سېلىنما بانكىسىنىڭ ئەزاسىنىڭ 97گە كۆپىيىشى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشى قاتارلىقلار جۇڭگونىڭ يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ كەڭلىك دەرىجىسى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن بوشلۇق جەھەتتە يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى؛

  ...

  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ۋەزىيەت ئۆزگەردى، پۇرسەت يەنىلا قولىمىزدا.

  يېڭى پۇرسەت دەرۋازىسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە.

  جۇڭگو ئىقتىسادى ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرغاندا، «يېڭى ئىدىيە» بىلەن «يېڭى پۇرسەت»نىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتى بارغانسېرى روشەنلەشتى، دۇنيا تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سوقۇۋاتقان تومۇرىنى ئىگىلىگەندىلا، دەۋر سوئالىغا جاۋاب بەرگىلى، كەلگۈسى يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

  تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش داۋامىدا يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇش

  ھەرقانداق ئىقتىسادشۇناس شۇنى ئىنكار قىلمايدۇكى، جۇڭگو ئىقتىسادى بىر مەيدان قايتا يارىتىش ئېلىپ بارماقتا.

  بۇنى 1- پەسىللىك ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتى ئارقىلىق دەلىللەشكە بولىدۇ ــــ

  مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمالدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %47.7 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى؛

  يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بارلىق سېلىنمىدىن 5.1 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت كەسىپ سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.3 ئېشىپ، بارلىق سېلىنمىدىن 13 پىرسەنت پوئېنت تېز بولدى؛

  يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەتنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.6 ئېشىپ، ئومۇمىي ئېشىش سۈرئىتىدىن 10 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى...

  جۇڭگونىڭ ئىقتىساد خەرىتىسىدە، ئىستېمال قۇرۇلمىسى، سېلىنما قۇرۇلمىسى، ئېكسپورت قۇرۇلمىسىنىڭ ھەممىسى جىمجىت قايتا يارىتىلىۋاتىدۇ ـــ

  لياۋنىڭ، يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇۋاتقان بىر ئۆلكە. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىقلارنى تۇتقا قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، 1- پەسىلدە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن يەنە %6تىن يۇقىرى ئېشىش ھالىتىگە قايتىپ كەلدى، شۇ پەسىلدە ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېشىشى %17.3 بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 10.9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.

  شۈجوۋ، يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇۋاتقان بىر شەھەر. ئىلگىرى بايلىق قۇرۇپ كەتكەنلىكتىن، بىرمەھەل تەرەققىياتتا ھالسىراپ قالغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش بارغانسېرى ئورتاق تونۇشقا ئايلىنىپ، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن 200دىن كۆپرەكنى قۇردى، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سانائەت ھەم كۆلەمدىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتى 700دىن ئاشتى.

  رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇۋاتقان بىر ساھە. زور بىر تۈركۈم جۇڭگو كارخانىسى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ پايدىلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكى، تېخنىكا قوللىنىشتىكى ئالدىدا مېڭىش ئەۋزەللىكى ۋە چوڭ بازار ئەۋزەللىكىنى رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ.

  جىگاڭ، پۇرسەتنى تۇتۇۋاتقان بىر كارخانا. پولات - تۆمۈر ئاساسىي كەسپىدىن ئومۇمىي گەۋدە بويىچە چېكىنىپ چىققان 10 مىليون توننا دەرىجىلىك پولات زاۋۇتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جىگاڭ «پولاتسىز»لىشىپ، ئۆزىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى ھەرىكىتى، قۇرۇلۇش ئەخلىتىنى يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش داۋامىدا يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى.

  پۇرسەت تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ.

  يېڭى پۇرسەت كۆپ يىلدىن بۇيان جۇڭگو ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچىنىڭ مۇجەسسەملىنىشىدىن، بازارنى زورايتىشنىڭ توپلىنىشىدىن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پايدىسىنىڭ جۇغلىنىشىدىن كەلگەن.

  بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشى «مۇقىملىق» ۋە «ئىلگىرىلەش»نى ساقلاپ، يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇپ تەرەققىياتنى كۆزلەش ئۈچۈن «ئاساس»نى پۇختىلىدى؛ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېڭەيتىش، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇشىنى پەسەيتىش قاتارلىق سىياسەتلەر يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەردى؛ ئاز بولمىغان جايلار، كارخانىلار پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا مەھكەم ئىگىلىدى.

  4- ئايدىن بۇيان، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، باركلاي بانكىسى، مورگان داتۇڭ قاتارلىق چەت ئەل ئاپپاراتلىرى ئارقا - ئارقىدىن جۇڭگو ئىقتىسادىغا قارىتىلغان كۆزلىمە ۋە ئالدىن ھۆكۈمنى تەڭشەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. يېتەرلىك ئېلاستىكلىق، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ، ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇپ تۇرغان يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكى ھەم ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

  قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەش داۋامىدا يېڭى پۇرسەت ئېچىش

  جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پۇرسىتى دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە ماسلاشقان يېڭى پۇرسەت، شۇنداقلا دۇنيا بىلەن ھەمبەھرىلىنىدىغان يېڭى پۇرسەت.

  5- ئاينىڭ 14- كۈنى، ھىندونېزىيەدىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز تونېلى − جاكارتا - باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ۋاللىنى تونېلى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلدى.

  جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جاكارتا - باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۈرى جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈن سىستېما، پۈتۈن مۇھىم ئامىل، پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى بويىچە دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىدىغان «تۇنجى زاكاز» بولۇش سۈپىتى بىلەن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بەلگە تىكلىدى.

  ھىندونېزىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر قاتناش لىنىيەسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى چېتىلىدىغان رايونلارنى يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى.

  نۆۋەتتە، يەر شارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ مۇھىم مەزگىلى، جۇڭگو ۋەزىيەتكە قاراپ پىلان تۈزۈپ، ۋەزىيەتكە بېقىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

  يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋېلىپ ھەم يېڭى پۇرسەت يارىتىپ، ئۆزىگە يېڭى پۇرسەت ياراتتى، باشقىلارغىمۇ يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بەردى، جۇڭگو ئىقتىسادى تۈرلۈك يېڭى پۇرسەتلەرنىڭ گىرەلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشى داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ ئۇچقاندەك يۈكسىلىۋاتىدۇ.

  پۇرسەت دەرۋازىسى ئىزچىل ئوچۇق تۇرمايدۇ، تەرەققىيات يولىمۇ تۈپتۈز بولمايدۇ.

  تاشقى قىسىمدىن قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئېنىقسىزلىق يەنىلا بىرقەدەر كۆپ، بىر تەرەپلىمىچىلىك، سودا قورۇقچىلىقى يەنىلا باش كۆتۈرمەكتە؛ ئىچكى قىسىمدىن قارىغاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىدا قۇرۇلمىلىق زىددىيەت يەنىلا بىرقەدەر كۆپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە، بولۇپمۇ ئەمەلىي ئىقتىساد يەنە تەننەرخ ئۆرلەش، پايدا ئېلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق بەزى زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.

  ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش ئومۇمىي ۋەزىيەت خاراكتېرىگە ئىگە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تەخىرسىزلىككە ئىگە، يېشىل تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە... تېز ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان تاشقى - ئىچكى مۇھىتتا، يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇشنىڭ ئۆزى بىر مەيدان خىرىستۇر.

  «مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنىڭ يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئىگىلەش ئاسماندىن گۆشنان چۈشىدىغان، سۇنىڭ ئېقىشىغا باقىدىغان پۇرسەت ئەمەس، بەلكى كېمىنى ئېقىنغا قارشى ھەيدەيدىغان، تاشنى دومىلىتىپ تاغقا ئېلىپ چىقىدىغان پۇرسەت.» مەركەز مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: خەۋپ - خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنى خاتىرجەملىككە ئۆزگەرتكەندىلا، ئۈزلۈكسىز يېڭى بوشلۇق ئاچقىلى بولىدۇ.

  «تايىنىشقا تېگىشلىكى ۋەزىيەتتۇر، چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىكى پەيتتۇر.»

  تارىخىي پۇرسەت ئازراق قويۇۋەتسەكلا قولدىن كېتىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئىلگىرى تەرەققىيات پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇشتەك ئازاب - ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇنداقلا پۇرسەتنى تۇتۇشتەك ئۇچقاندەك يۈكسىلىشنىمۇ باشتىن كەچۈرگەن. يېڭى پۇرسەتنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلغاندا، جۇڭگونىڭ تەييارلىقى ئاللىبۇرۇن پۈتتى.

    جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە − غايەت زور ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرنى داۋاملىق يولغا قويۇش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى بىلەن ئورتاق تەۋرىنىش... جۇڭگو يېڭى پۇرسەتنى يېڭى تەرەققىياتقا ئايلاندۇرىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە.

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد بار − جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك، جۇڭگو خەلقى تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغان كۈچلۈك ئىرادە ۋە ئىقتىدارغا ئىگە، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ يېڭى زېمىن ئاچسىلا، جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى