تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قولۋاق قاتمۇقات تاغلار ئارىسىدىن ئۆتتى

ــــ «جۇڭگو چېكىنىش سەپسەتىسى»نىڭ جىمىقىدىغان ۋاقتى كەلدى

جۇڭ شېڭ

  يېقىنقى بىر مەزگىلدە، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشىدە ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگوغا قايتا - قايتا قالايمىقان قالپاق كىيدۈرۈپ، جۇڭگو تەرەپنى «چېكىندى»، «يۈز ئۆرۈدى»، بەزى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان مەسىلىلەردىكى مەيدانىدا «چېكىنىش» كۆرۈلدى دەپ ئەيىبلىدى. ئامېرىكا تەرەپ مۇشۇنداق ھىيلە - نەيرەڭلەرنى ئىشلىتىپ بىر تەرەپتىن كۆز بويامچىلىق قىلدى، بىر تەرەپتىن كالتەك پۇلاڭلاتتى، بۇ، ماھىيەتتە زومىگەرلىكنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئويۇنى.

  ھەممىگە ئايانكى، كېڭىشىش ئەسلىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ئىختىلاپلارنى ئازايتىدىغان، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىدىغان، مەسىلە ھەل قىلىدىغان جەريان. كېڭىشىش جەريانىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشتا بولۇشى نورمال، ئىككى تەرەپ رەسمىي كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆزگىرىش بولۇشىمۇ نورمال. ھازىر كېڭىشىش تېخى ئاخىرلاشمىدى، كېلىشىم تېخى ئىمزالانمىدى، قانداقمۇ «چېكىنىش» ۋە «يۈز ئۆرۈش»تىن سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟ سۆھبەت ھەمراھلىرىغا ھۆرمەت قىلىش خەلقئارا سۆھبەتنىڭ قائىدىسى. جۇڭگو تەرەپ ئۆزى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويسىلا، ئامېرىكا تەرەپ ھاكاۋۇرلۇق بىلەن جۇڭگو تەرەپنى ئەيىبلىدى، ئامېرىكا تەرەپ ھەقىقەتەن ئەدەپسىزلىكتە چېكىگە يەتتى! ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قىلمىشىدا يەنە ئاشكارىلىغىلى بولمايدىغان غەرىزى بار، ئۇ بولسىمۇ، ئامېرىكا تەرەپ ئاخىرقى چەككىچە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەۋاتىدۇ.

  زادى قايسى تەرەپ ئويۇن ئويناۋاتىدۇ، ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىۋاتىدۇ؟ پاكىت مۇنازىرە قىلمىسىمۇ ئۆزىدىن ئايدىڭ.

  بۇلتۇر 12- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئارگېنتىنا ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، يېڭىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىشنى توختاتتى ھەم ئىككى دۆلەت خىزمەت ئۆمەكلىرىدىن جىددىي كېڭىشىپ، قوشۇپ ئېلىنغان بارلىق تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان كونكرېت كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىش ئۆمىكى ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدا باردى - كەلدى قىلدى، دۇنيا جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى سەمىمىيىتىنى كۆرۈپ يەتتى. يېقىنقى 10- نۆۋەتلىك كېڭىشىشتە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى مېنۇچىن يەنە سودا كېڭىشىشىنىڭ «مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك» بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ھالبۇكى، گەپ تېخى ئاخىرلاشمايلا، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنى «چېكىندى»، «يۈز ئۆرۈدى» دەپ ئەيىبلەپ، تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئالىدىغانلىقىنى بىر تەرەپلىك جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت ئىلگىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشتىن پۈتۈنلەي چەتنەپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشىنى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتتى. بۇنىڭدا كىم «چېكىندى»، «يۈز ئۆرۈدى»، زېرەك كىشىلەر بىر قاراپلا ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ.

  جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشىنىڭ ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدىن قارىغاندا، ھارۋىنى ئۇياق - بۇياققا، ئالدى - كەينىگە تارتقىنى ئامېرىكا تەرەپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ تۇتۇرۇقسىزلىقى دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى. ئامېرىكا تەرەپ بىردەم «جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان كېڭىشىش ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ» دېسە، بىردەم يەنە جۇڭگو تەرەپنى ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشىدە «كېلىشىمنى بۇزدى» دەپ ئەيىبلىدى؛ بىردەم جۇڭگو تەرەپ بىلەن «ئىنتايىن ئومۇميۈزلۈك مۇھىم، زور بىر كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق» دەپ چىڭ تۇرسا، بىردەم يەنە «جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكىغا چىقىرىدىغان تاۋارلاردىن ئالىدىغان تاموژنا بېجى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىنتايىن خالايمىز» دەپ جاكارلىدى. گەپ - سۆزدە تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمايلا قالماي، ھەرىكەتتىمۇ ئالدى - كەينى زىددىيەتلىك بولدى، ئالدىدا خىزمەت ئۆمىكىنى جۇڭگوغا كېڭىشىشكە ئەۋەتتى، كەينىدىنلا تاموژنا بېجى كالتىكىنى كۆتۈرۈپ كېڭىشىش مۇساپىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.

  دەل ئامېرىكا تەرەپنىڭ تۇتۇرۇقسىزلىقى، ئۆزگىرىشچانلىقى جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشىنى داۋالغۇتتى. بۇلتۇر 5- ئاينىڭ 19- كۈنى، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپ مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان ھەمدە قوشما بايانات ئېلان قىلغانىدى، بىراق 5- ئاينىڭ 29- كۈنى ئامېرىكا تەرەپ بىر تەرەپلىك «چېكىنىپ»، «يۈز ئۆرۈپ»، كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلاپ، ئورتاق تونۇشتىن يۈز ئۆرۈدى؛ بۇلتۇر 6- ئاينىڭ باشلىرىدا ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە ۋە يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى كونكرېت ھەمكارلىق توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدى، 6- ئاينىڭ 15- كۈنى ئامېرىكا تەرەپ يەنە بىر قېتىم «چېكىندى»، «يۈز ئۆرۈدى».... ئامېرىكىلىقلارنىڭ چىرايى كۈندە بىر خىل ئۆزگەردى، دۇنيا ئەھلى رىتىمغا ئەگىشىپ بولالماي خورسىنىشتى.

  خەلقئارا ئىشلاردا يولسىزلىق قىلىش، باشقا دۆلەتلەرنى خالىغانچە ئەيىبلەش، ئۆكتەملىك بىلەن ئارىلىشىۋېلىش، ھە دېسىلا يۈز ئۆرۈش، ھە دېسىلا چىراي ئۆزگەرتىش ئامېرىكىنىڭ ئىزچىل ئادەتلەنگەن ئۇسۇلى، بەزىدە ھەتتا بىمەنىلىكتە ئۇچىغا چىقتى. بۇ قېتىم ئامېرىكا تەرەپ كونا نەيرىڭىنى قايتا ئىشقا سېلىپ، ساختا قىياپەتتە ئاتالمىش «جۇڭگو چېكىنىش سەپسەتىسى»نى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، ئاقىۋەتتە ئۆزىنى - ئۆزى كاچاتلايدۇ، كۈلكىگە قالىدۇ.

  جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ئەڭ زور سەمىمىيەت بىلەن ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، تەڭ پايدا ئالىدىغان كېلىشىمنى ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. گەرچە ئامېرىكا تەرەپنىڭ تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش قىلمىشى 11- نۆۋەتلىك كېڭىشىش مۇساپىسىنى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتقان بولسىمۇ، جۇڭگو تەرەپ كېڭىشىش ئۆمىكى يەنىلا ۋاشىنگتونغا باردى، جۇڭگو تەرەپنىڭ كېڭىشىشكە تۈرتكە بولۇش سەمىمىيىتى ھەممىگە ئايان.

  ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن «گېپى گەپ، ئىشى نەتىجىلىك»بولغاچقا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى بىر قاتار تەدبىرلىرى تېز سۈرئەتتە ئەمەلىيلەشمەكتە: ئاپتوموبىل، گىرىم بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى؛ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى قاراپ چىقىپ ئېلان قىلدى؛ بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇۋەتتى، ئادەتتىكى ياسىمىچىلىقنىڭ تاشقى مەبلەغگە تولۇق ئېچىۋېتىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى...

  دېگىنىمىزنى قىلىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ ياخشى قىلىمىز! 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە، رەئىس شى جىنپىڭ جاكارلىغان بىر قاتار مۇھىم، زور ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرى دۇنيا مىقياسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. دۇنيا ئەھلى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن زەپەر مارشى ياڭرىتىپ باتۇرانە ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  جۇڭگونىڭ پىرىنسىپى بار، تۆۋەن چېكى بار. ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا، جۇڭگو دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ. ئەگەر جۇڭگو تەرەپنىڭ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشى، زىياننى رەت قىلىشى «چېكىنىش»، «يۈز ئۆرۈش» دېيىلسە، ئۇنداقتا بۇ پەقەت قاراقچى لوگىكىسى خالاس. مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىدە، جۇڭگو تەرەپ ئەزەلدىن يول قويغان ئەمەس، «چېكىنىش»، «يۈز ئۆرۈش» دېگەن گەپ قانداق پەيدا بولدى! ئۆزى «ئىلگىرىلەش»كە ئېرىشتۇق دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، رەت قىلىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، جۇڭگو تەرەپكە «چېكىندى»، «يۈز ئۆرۈدى» دەپ بوھتان چاپلاپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە مۇھىم، زور پىرىنسىپىغا زىيان سالماقچى بولۇش پەقەتلا ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلغانلىق. جۇڭگو خەلقى پىرىنسىپال مەسىلە ۋە يادرولۇق مەنپەئەتنى ئالماشتۇرىدىغان ئىشنى ئىلگىرى قىلمىغان، بۈگۈن قىلمايدۇ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ قىلمايدۇ. جۇڭگوغا ئۆز يادرولۇق مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىتىش ئۈمىدىدە بولۇش، جۇڭگونى مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىدە يول قويىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىش مۇقەررەر بىھۇدە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت، خالاس!

  ئادەمدە سەمىمىيەت بولمىسا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دۆلەتتە سەمىمىيەت بولمىسا زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ! ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشىدە تېخىمۇ زور پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئامېرىكا پاكىتنى كۆرمەسكە سېلىپ، قالايمىقان قالپاق كىيدۈرۈپ، ئاخىرقى چەككىچە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئىناۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئوبرازىغا داغ تەگكۈزەلمەيدۇ. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمى مەڭگۈ ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش تىرىشچانلىقى مەڭگۈ ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ، ھەرگىزمۇ بەزى كىشىلەرنىڭ بىر ئېغىز «چېكىندى»، «يۈز ئۆرۈدى» دېيىشى بىلەنلا يوققا چىقىپ كەتمەيدۇ! بۇ خۇددى «قاشتا مايمۇنلار ساداسى ھەر تەرەپتىن كېلىپ تۇرار، قاتمۇقات تاغلار ئارا قولۋىقىم ئالغا ماڭار» دېگەندەكلا ئىش.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى