5-ئاينىڭ 21-كۈنى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى تۇڭشىن ناھىيەسى شىشى بازىرى مەنچۈن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى تۆت پەسىللىك قىزىلگۈلنى ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى تۇڭشىن ناھىيەسى شىشى بازىرى مەنچۈن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى تۆت پەسىللىك قىزىلگۈلنى ئۈزۈشكە باشلىدى. تۇڭشىن ناھىيەسى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىدە بولۇپ، «ئۈنۈمسىزلىكتە جاھاندا تەڭدىشى يوق» شىخەيگۇ كىنىدىكىگە جايلاشقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىڭشيا تۇڭشىن ناھىيەسى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى پائال ئېلىپ بېرىپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، بۇنىڭ بىلەن چاي ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان تۆت پەسىللىك قىزىلگۈل بۇ يەردە ئۆسۈپ يېتىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فېڭ كەيخۇا فوتوسى)